قۇشلار قوندى ئۇۋىسىغا (شېئىر)
لى بەي
پەشتىقىدا گۇسۇنىڭ قۇشلار قوناي دېگەندە،
ۋۇ قەسىرىدە شاھ شىشى شاراب پەيزى سۈرگەندە.
ناخشا ئۇسسۇل قىزىدى بەزمە چىقىپ ئەۋجىگە،
ئوتقاش كۈننىڭ يېرىمى مۆكۈندى تاغ كەينىگە.
مىس چەينەكتە كۈمۈش تىل چېكىلدىدى تاڭغىچە،
دولقۇنغا دەريانىڭ چۆكتى ئايمۇ ئاڭغىچە،
كۈن چىقسىمۇ ئاي مۆكۈپ نە كار قىلار بەزمىگە؟
ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى
Yorumlar
Yorum Gönder