تەرجىمە قىلغۇچى: ياسىن ھاۋازى تاغدا ۋاڭ بۇ باستى دەرت، چاڭجياڭ ئارا بولغاچ قامال، كەتكىلى يۇرتۇمغا ئىزدەيمەن ئامال. تاغمۇ-تاغدا ئۇچۇرۇپ غازاڭلىنى، ئىلكىگە ئالدى جاھاننى سوغ شامال. لەشكەرلىكتە ياڭ جيۇڭ كەلدى غەربىي ئاستانىنى يورۇتۇپ گۈلخان، بۇنى كۆرۈپ جان – جېنىمغا ئۇلاشتى پىغان. چەۋەندازلار چىك قاپىدى ئەجدەر بالىقنى، خان سارايدىن چىقىشىغا لەشكىرىي پەرمان. جەڭ دۇمبىغى بوران ئارا ئاڭلىنار پات-پات، خىرە ئەتتى جەڭ تۇغىنى قار ۋە شىۋىرغان. ئەلا ماڭا تالىپ بولۇپ ئۆمۈر سۈرگەندىن ئاتلىنىپ جەڭ مەيدانىغا ئون بېشى بولغان! يۇجۇ راۋىقىغا چىققاندا چېن زىئاڭ باقىمەن ئارقامغا، ئەجداتلار قېنى؟ باقىمەن ئالدىمغا، ئەۋلاتلار قېنى؟ ئۇچ-چېكى يوقكەن جاھاننىڭ، ئويلىسام، تۇتتى ھەسرەت يىغىغا قىستاپ مېنى! يۇرتۇمغا قايتقاندا خې جژجاڭ يۇرتۇمغا ياندىم ياشىنىپ، چىققاندا مەن ئىدىم گۆدەك، ئاقاردى چېكە چاچلىرىم، گەپ-سۆزلىرىم ئاۋالقىدەك. «مېھمان قاياقتىن ئۆزلىرى؟» دەيدۇ سوراپ شوخ بالىلار، ئۇلار ساناشقان چېغى بار ئەسلىمنى يات-يېگانىدەك. دوستۇمنى يوقلاپ سەھراغا بارغاندا مېڭ خاۋرەن چىللىدى سەھراغا دوستۇم ئۆيىگە، ر...
Yorumlar
Yorum Gönder