خان لەشكەرلىرىنىڭ خېنەن ۋە خېبېينى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى ئاڭلاپ (شېئىر)

دۇفۇ


خەۋەر كەلگەندە قورغاندىن خېبېينى قولغا ئالدۇق دەپ،

ئېتەككە تولدى كۆز ياشىم ئۇچۇر ئالغاندا مەن دەسلەپ.

يۈگۈرتسەم كۆز نىگارىمغا ئۆچۈپتۇ غەم چىرايىدىن،

يىغىشتۇردۇم بىساتىمنى سەپەرگە ئالدىراپ تىنەپ.

شۇبۇ خۇش كۈندە مەي ئىچمەي، غەزەل ئېيتماي تۇرالامدىم،

ئانا يۇرتقا سەپەر قىلدىم باھارنى ھەمرىيىم ئەيلەپ.

چىقىپ باشا بۇغازىدىن ۋۇشا بۇغازىدىن ئۆتتۈم،

كېزىپ شاڭياڭنى يول ئالدىم لوياڭ قەلئەسىنى كۆزلەپ.


ئابدۇكېرىم خوجا تەرجىمىسى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك