كىتاب — ئەقىل چىرىغى

 زۆھرەگۈل ھامۇت


كىشىلەرنىڭ ئېڭى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، ياشاش ئادىتى ۋە مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ ئىلگىرىكىدىن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىپ، ئۆز مەۋجۇتلۇقى ئاساسىدا راۋاجلىنىشى — جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلى ۋە جەمئىيەتنىڭ ماس قەدەمدە ئالغا بېسىشىدىكى تايانچ كۈچ.

ئەتراپىمغا نەزەر تاشلىغىنىمدا، كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇرىدىغان ھەم ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ئىشلار ئېڭىمدا روشەن سېلىشتۇرما پەيدا قىلىپ، ئىلگىرى ئاپتورلىرىمىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ئاساسىدا بەزى پىكىرلەر كاللامدا ئەكس ئېتىشكە باشلىدى.

جەمئىيىتىمىزنى سىنچى نەزىرىمىز بىلەن كۆزىتىدىغان بولساق، بەش قول تەڭ بولمىغىنىدەك، كىشىلەرنىڭ پەن-تېخنىكا سەۋىيەسىدىمۇ كۆرۈنەرلىك پەرقلەر مەۋجۇت. كىتابخۇمارلارنى مىسالغا ئالساق، بىر قىسىم كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەن، بىلىم ئىگىلەشكە ئىشتىياق باغلىغان كىشىلىرىمىز دائىم كىتابخانىغا بېرىپ تۇرۇشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىشقان. ئۇلار ئۆزىگە ئېھتىياجلىق كىتابنى سېتىۋېلىپ، بوش ۋاقتى بولسىلا قولىدىن كىتاب چۈشۈرمەيدۇ ۋە ئادەم مەنىۋىيىتىنىڭ تۈۋرۈكى بولغان قىممەتلىك كىتابلارنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، بىلىم كانىدىن دۇردانىلەر قېزىپ، ئۆز ئىجادىي مېھنىتى ئارقىلىق ئەلگە مېۋە بېرىدۇ. بىز ئۇلاردىن پەخىرلىنىشكە ھەقلىقمىز، شۇنداقلا ئۇلار بىز ئۈچۈن ئۆرنەك. بۇنىڭ ئەكسىچە ئاشپۇزۇل، رېستوران، كىيىم-كېچەك دۇكانلىرى، زەرگەرخانا، تىككۈچىخانا، ئۇسسۇلخانا، ساتىراشخانا، ھۆسن تۈزەش ئورۇنلىرىنى كۆزەتسەك، ئاشپۇزۇل، رېستورانلاردىن كېتەلمەيۋاتقان «پۇلدار»لارنى، «ئالا-يېشىل» چىراقلار «ۋال-ۋۇل» يېنىپ تۇرغان ئۇسسۇلخانىلاردا رومانتىك ھېسسىياتلارغا غەرق بولغان ئاشىق-مەشۇقلارنى، ھۆسن تۈزەش ئورۇنلىرىدا ھۆسن تۈزەش بىلەن نۇرغۇن ۋاقتىنى ۋە ئىقتىسادىنى سەرپ قىلىپ، ئاشۇ بىھۇدە ئۆتكەن ۋاقتىغا ۋايساپمۇ قويمايدىغان سەتەڭلەرنى، چايخانىغا كىرىۋېلىپ بىر چىنە چاينى قېنىق دەملەپ قويۇپ، ئەتىدىن كىچىكىچە قارتا، شاھمات ۋە ماجاڭ ئويناپ كۈنىنى ئۆتكۈزىدىغان بىكارتەلەپلەرنى، «مودا» ئېقىمىنىڭ چىرىتىشىگە ئۇچراپ، مەيلى ياراشسۇن، ياراشمىسۇن قارغۇلارچە مودا قوغلىشىپ، يېڭى سېتىۋالغان كىيىملەرنى قىممەت باھالىق ۋە يىپ-يېڭى «مودىدىن» قالغان كىيىملىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، تىككۈچى ۋە كىيىم-كېچەك سودىگەرلىرىنىڭ تاپاۋىتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇۋاتقان خانىم-قىزلىرىمىزنى قەدەمدە بىر ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. ئۇلار مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا ھايات سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا رازىكى، ھېچبولمىغاندا ئايلاپ-يىللاپ ئەرزان باھالىق بىرەر پارچە كىتاب سېتىۋېلىشنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ قويمايدۇ. بىز ئۇلار ئۈچۈن ئەپسۇسلانماي تۇرالمايمىز.   

كىتابخۇمار بىر دوستۇمنىڭ كىچىك كىتابخانىسى مېنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلپ قىلدى. ئۇ ياغاچتىن كۆركەم قىلىپ ياسالغان كىتاب جازىسىغا ھەرخىل ژۇرناللار، گېزىتلەر، پەلسەپىۋى خاراكتېردىكى ئەسەرلەر، تەرجىمىھال ئەسەرلىرى، ھېكايە-پوۋېستلار، رومانلارنى رەتلىك تىزىۋەتكەنىدى. بەزى كونىراپ تېشى يىرتىلغان كىتابلارنى چىرايلىق مۇقاۋىلاپ قويغان بولۇپ، ئۇ كىتابلار ئارىسىدا ھەتتا مەن ئوقۇپ باقمىغان كىتابلارمۇ كۆپ ئىكەن. كىتاب جازىسىنىڭ ئەينىكىگە ھۆسنخەت بىلەن چوڭ قىلىپ: «ۋاقتىڭىزنىڭ بارىدا شاھانە ئەسەرلەرنى ئوقۇۋېلىڭ، بولمىسا كېيىن ئۈلگۈرەلمەيسىز. — گ. تورۇ» دەپ يېزىپ قويۇلغانىدى. ئىككىمىز سۆھبەتلىشىۋېتىپ، گەپ ئارىلىقىدا ئۇ ماڭا:

— ھازىر مىللىتىمىز خانىم-قىزلىرىنى «مودا» ئېڭىدىن ئىبارەت كىشەن چۈشەپ قويۇۋاتىدۇ. بىر مەزگىل كىيگەن قىممەت باھالىق يىپ-يېڭى كىيىملىرىمىز «مودا» ئېقىمىغا ماسلىشالماي، ساندۇق-چامادانلىرىمىزدا بەند بولۇپ، چاشقانغا يەمچۈك بولماقتا. بۇ ياشلىرىمىزنىڭ ئاڭ-سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى ئۆلچەپ بېرەلەيدىغان مىزان. ھېچبولمىغاندا بىر يىل ئىچىدە بىر-ئىككى قۇر كىيىمنى ئاز كىيىش بەدىلىگە كىتاب سېتىۋېلىپ مەنىۋى دۇنيامىزنى بېيىتساق، مىللىتىمىز «مودا» ئېڭىنىڭ چىرىتىشىدىن ئازراق ساقلانغان، كىشىلەرنىڭ بىلىم سەۋىيەسى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولاتتى، — دېدى.   

مەن ئۇنىڭ ئورۇنلۇق سۆزلىرىگە چىن كۆڭلۈمدىن قايىل بولدۇم، ئۇنىڭ كىتابنى قەدىرلەيدىغان، بىلىمگە ئىشتىياق باغلىغان ئېسىل پەزىلىتىگە چىن كۆڭلۈمدىن ئاپىرىن ئوقۇدۇم. ساۋاقدىشىمنىڭ تويىغا بېرىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى دوستۇم بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئالدىنئالا مەسلىھەتلەشكەنلىكىمىز بويىچە ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم. ئۇ كىيىم ئىشكاپىنى كۆزۈمچىلا ئېچىپ، تويغا كىيىپ بارىدىغان كىيىمنى ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا تاللىدى. ئۇنىڭ كىيىملىرىنىڭ سەرخىللىقى ۋە كۆپلۈكىدىن كىيىم ئىشكاپى تارلىق قىلغانىدى. ئۇ كىيىملىرىنى تولا تاللاپ ھارغاندىن كېيىن جايىغا قويۇپ قويدى ۋە بازاردىن يېڭى كىيىم ئېلىپ كىيىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ھەم دۇكانلارنى قايتا-قايتا ئارىلاپ يۈرۈپ قىممەت باھالىق كىيىم سېتىۋېلىپ، كىيىمنى سېتىۋالغان دۇكاندىلا كىيىپ ماڭدى. ئۇ ئۆزىنىڭ پوزۇر قىياپىتىگە ماس ھالدا يېنىمدا مەغرۇرلۇق بىلەن ماڭاتتى. مەن ئۇشتۇمتۇت ئۇنىڭدىن:   

— ئايگۈل بىرلا ۋاقىتتا تۆت خىل ژۇرنالغا مۇشتەرى بوپتۇ. سەنمۇ ژۇرنالغا مۇشتەرى بولۇپ تۇرىۋاتقانسەن؟ — دەپ سورىدىم.

— ۋاي نېمە دەيدىغانسەن؟ ئۇ نېمانچە ئەخمەق؟ بىر جېنىغا تۆت خىل ژۇرنالغا مۇشتەرى بولۇپ پۇلىغا تويۇپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟ كىتاب ئوقۇغانغا قورساق تويامتى؟ «خوتۇن كىشى كىيىم بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ» دېگەن گەپ بار. ئەخمەق بولۇپ شۇنچە پۇلنى كىتابقا بۇزۇپ چاچقۇچە، يېڭى كىيىمدىن بىر-ئىككى قۇر ئېلىۋالسا بولمامدىكەن! — دەپ سۆزلەپلا كەتتى.

مەن گويا ئۇنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتقاندەك ئېغىر خۇرسىنىش ئىچىدە چەكچىيىپ قاراپلا قالدىم. بۇ سۆزنى ئېيتقۇچى دەل مىللىتىمىزنىڭ ئىلغار ئىدىيەلىك كىشىلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان، ياش ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈۋاتقان ئوقۇتقۇچى ئىدى. «سەللە يوغان ئىمان يوق، داستىخان يوغان بىر نان يوق» دېگەندەك، ئۇ قورسىقىدىكى ئۇمىچىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىنى ئاشۇ سۆزلىرى ئارقىلىق ماڭا بىلدۈرۈپ قويغانىدى. مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدى بولغان غۇنچىلارنىڭ پەرۋىشكارى مۇشۇنداق گەپنى قىلىۋاتسا، بۇنداق باغۋەن يېتىشتۈرگەن كۆچەت ئەلگە مېۋە بېرەرمۇ؟ «دۇنيادىكى زىندانلار ئىچىدە ئەڭ دەھشەتلىكى مەنىۋى زەئىپلىكتۇر». ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرى بولمىش شۇ ئوقۇتقۇچى بىرنەچچە خىل ژۇرنالغا مۇشتەرى بولۇپ، تەشنا قەلبىنى بىلىم بۇلىقىدا سۇغارماقچى بولغان دوستۇمنى «ئەخمەق» دەپ مازاق قىلدى. ھالبۇكى ئۆز روھىي دۇنياسىنىڭ قۇپقۇرۇق، ھەقىقىي ئەخمەقنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يېتەلىگەنمىدۇ؟ ئەجەبا، ئاياللارنىڭ مىللەتنىڭ ئانىسى، ئانىلارنىڭ ساپاسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ تەربىيەلىنىشىدىكى مۇھىم ھالقا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلمىگەنمىدۇ؟

جەمئىيىتىمىز كۈچلۈك رىقابەت ۋە خىرىسقا دۇچ كەلگەن ئاچقۇچلۇق پەيتتە، ئوقۇتقۇچى دوستۇمنىڭ نادانلارچە قىلغان سۆزلىرى مېنى قاتتىق ئېچىندۇردى.

بىلىشىمىز كېرەككى، ئەقىل-پاراسەتلىك، يۇقىرى ساپالىق خەلق قوشۇنى بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە ئالغا سىلجىشىدىكى ھۈجەيرىسىدۇر.

بۇ ھەقتە پەرھات جىلان «مەھمۇت قەشقىرى» ناملىق تارىخىي رومانىدا ئىنتايىن ئېنىق شەرھلەپ بەرگەن:

«بۇ بىر خىل ئاڭسىزلىق، — دەيدۇ مەھمۇت قەشقىرى، — قاچانكى خاقانلاردىن تارتىپ ئەڭ تۆۋەن تەبىقىلەردىكى پۇقرالارغىچە پۈتۈن ئەقىل-پاراسىتىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىنسانغا خاس يۈكسەك ئاڭ-سەۋىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرغاندىلا بۇ خىل قەبىلىۋازلىق، يۇرتۋازلىق ئىللەتلىرىنى يوقاتقىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن جەمئىيەتتىكى ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش كېرەك. ھەممە ئادەم بىلىملىك بولۇشى كېرەك. بىزنىڭ ئادەملىرىمىز قورساق تويغۇزۇشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان كۆزى ئوچۇق كور بولماستىن، ئۆزىنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ماھىيىتىنى كۆرەلەيدىغان ھەقىقىي ئىنسان خۇسۇسىيىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ئەنە شۇ چاغدىلا ھەربىر ئادەم بەخت بېغىدىكى نېمەتلەردىن ئۆزىگە تېگىشلىك نەپ ئالالايدۇ. قايسى خەلقنىڭ بىلىملىك ئادەملىرى كۆپ بولسا، شۇ خەلق دۇنيادا قەد كۆتۈرۈپ تۇرالايدۇ. خەلق ئۆز ئىچىدىكى بايلار بىلەن پەخىرلەنمەيدۇ، بەلكى ئۆز تارىخىدا ئۆتكەن ئالىملار، ئەدىبلەر، سەنئەتكارلار، قەھرىمانلار، دانىشمەن سىياسەتچىلەر بىلەن پەخىرلىنىدۇ» (روماننىڭ 444-بېتىدىن).   

يۇقىرىقى بىر ئابزاس جۈملىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەقىل-پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلقى تارىختىن بۇيان بىلىملىك، ئەقىل-پاراسەتلىك، دانىشمەن كىشىلەرنى ئۇلۇغلاپ كەلگەن. ئەجدادلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش بىز ئەۋلادلارنىڭ بۇرچى!   

تارىختا تىلغا ئېلىنغان ساۋاتسىزلىق پەقەت خەت يازالمايدىغان ئادەملەرگىلا قارىتىلغان بولۇپ، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە بۇنداق ساۋاتسىزلىق ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىلدى. دەۋرىمىز ساۋاتسىزلىرى خەت يازالمايدىغانلار بولماستىن، بەلكى ئۇچۇر، پەن-تېخنىكا ساۋاتسىزلىرى، كەسىپ ساۋاتسىزلىرى بولۇپ، تارىختىكى ساۋاتسىزلاردىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ.   

بىلىم — بايلىق ياراتقۇچى. ئۇ — تەرەققىياتنىڭ جېنى. يۇقىرى ساپالىق پەن-تېخنىكا خادىملىرى بولسا تەرەققىياتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. شۇنداق بولغانىكەن، مىللىتىمىز كىشىلىرى كىتاب ئوقۇپ، كۆپلەپ بىلىم ئىگىلەپ، ئۆزىنى ئىلغار پەن-تېخنىكا بىلەن قوراللاندۇرۇشى زۆرۈر.

قىسقىسى، مىللىتىمىزنى روناق تاپقۇزىمىز دەيدىكەنمىز، روھىيىتىمىزدىكى چىرىك، ناچار ئىدىيەلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، نادانلىق بىلەن ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىپ، رېستوران، ئۇسسۇلخانىلاردا كۆڭۈل ئېچىش، چايخانىلاردا كۈنبويى كوچا پاراڭلىرىنى ئاڭلاش، ھۆسن تۈزەش ئورۇنلىرىدا نەچچە سائەتكە سوزۇلغان ھۆسن تۈزەشكە بېرىلىش ۋە مودا كىيىم دۇكانلىرىدا كىيىم تاللاشقا كەتكەن قىممەتلىك ۋاقتىمىزنىڭ بىر قىسمىنى كىتابخانىلارنى ئارىلاش ۋە كىتاب كۆرۈپ زېھنىي قۇۋۋىتىمىزنى ئاشۇرۇشقىمۇ سەرپ قىلايلى!

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك