ئايدىڭ كېچىدە (شېئىر)
دۇفۇ
بۇ كېچە فۇجۇدا ئاي ئۈزگەنمىدۇ؟
دىلبىرىم يالغۇز ئۆزى كۆرگەنمىدۇ؟
ئاتىسى چاڭەندە دەپمۇ ئويلىماي،
ناتىۋان پەرزەنتلىرىم يۈرگەنمىدۇ؟
نەملىشىپ تۈتەكتە بوستان چاچلىرى،
ئاق تېنى شۇلىلارنى سوغ بىلگەنمىدۇ؟
يىغىسىز قوش جاننى يورۇتماقنى ئاي،
بۇ جاھان بىزگە راۋا كۆرگەنمىدۇ؟
ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى
Yorumlar
Yorum Gönder