رۇبائىيلار (ئابدۇكېرىم خوجا)
1
ئانام بوغدا زەردىن تۇتۇپ جىيەكلىك،
كىيىۋاپتۇ خان ئەتلەستىن كۆڭلەكلىك.
ئولتۇرۇپتۇ قىلىپ چوڭقۇر تەپەككۇر،
كۆك گىلەمنىڭ ئۈستىدە ئاق لىچەكلىك.
2
سالمىقى سۆزنىڭ ئەمەس ئاۋازىدا،
ياكى ناتىقنىڭ ئۇلۇغ ئەلپازىدا.
بارمۇ، يوق قىلغان سۆزىنىڭ قىممىتى،
ئۆلچىگىن چوتتا ئەمەس تارازىدا.
3
مېۋىنىڭ ئىنسان ئارا ھۆرمىتى كۆپ،
بەلكى گۈلنىڭمۇ پۇراق لەززىتى كۆپ.
ئەمما ئاددىي چاغلىما ياپراقنىمۇ،
گۈل ۋە مېۋە ئالدىدا خىزمىتى كۆپ.
4
مېۋىلىك قىلغان دەرەخنى يىلتىزى،
تولىدۇ شۇڭا ئېتەكمۇ كۈز كېزى.
مېۋىنى يېگەن بۇنى ئويلامدۇ، يوق،
بىر خۇدا بىلگەي ئۇنى ھەم بىر ئۆزى.
5
كۈندۈزى بولسا ھاۋا قانچە ئوچۇق،
كېتىدۇ سايەم بولۇپ شۇنچە قويۇق.
تۈن بىراق قورشاپ مېنى كەلسە شۇ دەم،
تاپقىلى بولماس پەقەت ئۇ ياندا يوق.
6
ئاۋۇغاي دەپ سۈتكە سۇ قوشساڭ بىراق،
سۈيى سۇچە قالىدۇ ھەم ئېقى ئاق.
چىن ھەقىقەتنىڭ سىرى شۇنداق نېمە،
سۇ كۆتۈرمەس سىركىسى ياق، زادى ياق.
7
كىم ئىشەنچكە قالسا گەر لايىق بولۇپ،
قالغىنى شۇ ئەلگە ئۇ بايلىق بولۇپ.
ئەمما بۇ مەرتىۋىگە يەتمەك قىيىن،
كەلمىسە ھەر ئىشىدا سادىق بولۇپ.
8
شوتىنىڭ رولى ئېنىق ئۆرگە چىقىش،
زادىلا پۈتۈلمىگەن تۆرگە چىقىش.
باسمىساڭ راۋۇرۇس ئاياغ بالدىقىغا،
كۈتىدۇ پەستە سېنى موللاق ئېتىش.
9
ھاك تېشىنىڭ تېشى خۇنۈك، ئىچى ئاق،
قەلبى چوغ، گەر بولسىمۇ تەرى سوغاق.
سەن ئاڭا سەپسەڭ سوغاق سۇ قانچە كۆپ،
ئىچىدىن قاينايدۇ ئوت شۇنچە ئۇزاق.
10
يازدا باقسام ياش ئىدى باغدا ياڭاق،
كۈزدە قېرىپتۇ بېسىپ قورۇق بىراق.
كاللىسىنىڭ پىشقىنى ئەمەسمۇ شۇ،
پۈتمىسەڭ، يېرىپ ئۇنى، ئىچىگە باق.
11
مامكاپ ئەنجۈرگە دەرمىش دوق قىلىپ:
«گۈل ئارا نەدىن ئېزىپ قالدىڭ كېلىپ؟»
دەپتۇ ئەنجۈر: «كەلسە كۈز ئايان بولۇر،
كەلگىنى كىمنىڭ دۇرۇس، كىمنىڭ ئېزىپ.»
12
ماركىنىڭ ھەرقانچە بولسۇن سەنئىتى،
بەرىبىر بولغاي تاۋارنىڭ زىننىتى.
تېگى پىششىق، چىڭلا بولسا شۇ تاۋار،
ماركىسىزمۇ زادى كەتمەس قىممىتى.
13
لاپ قىلىپ ياندى گۇگۇت، ئۆچتى، بىراق
قالدى تۈن ئىلكىدە ئۇندىن شام - چىراق.
كى ئۆمۈرنىڭ قىممىتى ھەم قەدرى شۇ،
بولمىسا ھاجەت نېمە ياشاش ئۇزاق.
14
- يارىشىپتۇ دوپپىڭىز سىزگە قەۋەت،
نە سەۋەبتىن كەلدىڭىز كىيمەي پەقەت؟
- بولمىسا ئۇ چاغدا باش زادى بىكار،
دوپپىغا نەدىن نېسىپ بولسۇن نۆۋەت.
15
چوت ۋە يا كەتمەننى ساپلاش تەس ئەمەس،
كېتىدۇ نايەت ئاڭا ئىرغايلا، بەس.
تاج ياساشمۇ ئانچە بىر تەس ئىش ئەمەس،
ئاڭا لايىق باش تېپىش تەس، بەكمۇ تەس.
16
ئىت ساڭا ھۈرگەندە رەنجىپ كەتمىگىن،
ھۈنىرى، خۇي - پەيلى شۇنداق ئەسلىدىن.
ھۈرمىسە قانداق ئاتالسۇن ئىت بولۇپ،
كىم سېنى بول دەپتۇ ئادەم نەسلىدىن.
17
مۇبادا پاقىلار ئاشۇ پىلىدەك،
چىقىرالايدىغان بولسىدى يىپەك.
قۇلاقنى يەپ، جانغا جازا سالاتتى،
كۇكۇراپ جاھاننى باشقا كىيگىدەك.
18
كېلىدۇ يازدا تومۇزغا، ئۆزىچە،
ناخشا ئېيتار توختىماي كۈندۈز - كېچە.
ئېيتقىنى ئېيتقان ئۇنىڭ بىر ناخشىنى،
بىلمىدىم ئېيتار يەنە قاچانغىچە.
Yorumlar
Yorum Gönder