سەندىن خەۋەر يوق (شېئىر)

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد


قاپقارا تاشلاردا يىرتىلدى ئاياغ

ئاي نۇرى چۈشۈمگە تەڭلىدى شەمشەر.

تۈگەتتى ھاسا قىپ كىرپىكلىرىمنى

جەندىسى يىرتىلغان دەشتى- قەلەندەر.  

ئەگەشتى ناخشامغا سەرسان خازاندەك

راۋابنىڭ تارىدىن يېقىلغان ئاسمان.

ئۆتتى ئاۋازىمدىن تۆگىگە مىنىپ

ئون ئىككى مۇقامدەك نالىدار كارۋان.

تۈگىدى تۆشۈك تام ھېكايىسىمۇ

تاغدەك تاش يىغلىدىم دەريا  بويىدا.

كۆزلىرىم ئىزلىدىم سېنى بۇلبۇلدەك

گۈل كەبى كىپەنسىز جىننىڭ تويىدا.

چىرىغىم ئۆچمەكتە، سەندىن خەۋەر يوق،

ئاخىرقى پەرۋانە ئۆلدى بىقارار.

كەلمىسەڭ چىرىغىم ئۆچكىچە ئەگەر

قىزىل گۈل تۈۋىدە مېنىڭ قەبرەم بار.

                    2006- يىل فېۋرال. گۇما

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك