قارا شال (شېئىر)
پۇشكىن
قارا شالغا مەجنۇنانە باقىمەن،
سۇنۇق دىلنى غەم ئوتىغا ياقىمەن..
يىگىت چېغىم مۇھەببەتتە كۆيگەنتىم،
ياش ۋە گۈزەل گىرىك قىزنى سۆيگەنتىم.
ساھىبجامال ئەركىلەيتتى ھەرزامان،
كەلدى بىراق قارا كۈنۈم بى ئارمان.
بىركۈن دىلكەش مېھمانلىرىم بار ئىدى،
ئىشىكىمنى يىرگەنچ قاقتى يەھۇدى
پىچىرلىدى قۇلىقىمغا:
<<زىياپەت- پەيتى يارىڭ قىلدى ساڭا خىيانەت>>!
قولىغا مەن ئالتۇن بەردىم تىللىدىم،
شۇئان سادىق نۆكىرىمنى چىللىدىم.
يولغا چىقتۇق شامال كەبى ئۇچتى ئات،
رەھىمدىللىك ئىدى شۇچاغ ماڭا يات.
گىرىك قىزنىڭ قوراسىغا يەتكەندە،
كۆزۈم تىندى مادار، تاقەت كەتكەندە.
يىراق خىلۋەت ئۆيگە كىردىم مەن تەنھا،
ئەرمەن يىگىت قۇچىقىدا بىۋاپا...
قارا باستى: سادا بەردى خەنجىرىم،
سۆيۈش يەتمەي ئۇ رەقىبىم بولدى جىم.
باشسىز تەننى چەيلىۋەتتىم بى ئارمان،
رەڭگىم ئۆچۈپ، باقتىم ھەمدە قىز تامان.
ھېلى ئەستە يالۋۇرۇشلار ..ئاققان قان،
ئۆلدى قىز ھەم، پۈتتى سۆيگۈ ئۆرتەپ جان.
ئۆلۈك باشتىن قارا شالنى تارتتىم مەن،
خەنجەردىكى قاننى ئاڭا سۈرتتىم مەن.
پەردىسىنى يايغاندا تۈن دۇنياغا،
مۇردىلارنى تاشلىۋەتتىم دەرياغا.
شۇندىن بېرى ئۇنداق قىزنى كۆرمىدىم،
ھېچ بىر كېچە خوشلۇق پەيزىن سۈرمىدىم.
قارا شالغا مەجنۇنانە باقىمەن،
سۇنۇق دىلنى غەم ئوتىغا ياقىمەن.
ئۆزبېكچىدىن ھاجى ئەخمەت تەرجىمە قىلغان
Yorumlar
Yorum Gönder