رۇجەكتە سەھەر (شېئىر)
ئېلىيوت
ئۇلار سەھەر يەر ئاستىدا ئاشخانا ئىچرە،
تاراقشىتار تەخسىلەرنى خۇددى ساز ساناپ.
ئاۋاز ئۇچار يىراقلارغا سەھەر بەرقىدە،
توپ-توپ ئادەم كېتىپ بارغان كوچىنى بويلاپ.
بىلدىم، بىخلار نەمخۇش روھى مالاي قىزلارنىڭ،
غەمكىن ھال، يەر ئاستى تۆمۈر ئىشىككە قاراپ.
قوڭۇر رەڭلىك تۇمانلارنىڭ دولقۇنى،
ماڭا ئاتار-ئاتار ئاي يۈزلەرنى،
كوچا ئاستىدىن قاسماق كۆڭلەك كىيگەن بىرى،
يولۇچى تېنى،
تۆككەن خامۇش تەبەسسۇملار پىقىرار كۆكتە
ۋە توقۇلار ئۆگزىلەرنىڭ تەكشى يۈزىدە.
باتۇر روزى تەرجىمىسى
Yorumlar
Yorum Gönder