خىيال (شېئىر)
ئايتۇغ
خىياللار قوينىدا ئەركىن قۇش-يۈرەك،
غازاڭلىق يوللاردا كىلىسەن گاھى.
يىراقتىن ئاڭلانغان پىچىرلىشىڭغا،
گاھ سىڭىپ كىتىدۇ بۇلبۇلنىڭ ئاھى.
شەپەقتە كۆرىمەن بېقىشلىرىڭنى،
ئاخىرقى نۇرلاردا ئىللىتار زىمىن.
كېچىنىڭ زۇلمىتى ئازاپ بولسىمۇ،
يېڭى تاڭ ئاتىدۇ تۈنلەردىن كىيىن.
بىر تاتلىق كۈلىسەن كىلىپ ئالدىمغا،
قولۇڭدا مەن ئۈچۈن تىزغان گۈلدەستە.
چاچقۇلار چېچىلۇر شۇئان سابادىن،
بارچە ئەل بەختىمگە كۈلەر ھەۋەستە.
2012-11-7
Yorumlar
Yorum Gönder