«ئەركەك»لىكتىن تامغان قەترىلەر (ئوبزور)
ئامانگۈل نىياز
ئىنسان ھاياتىدا ئۆز سالاھىيىتىگە ماس ھالدا نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن كەچۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولىدۇ. بەزى ئىشلار تېزلا ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ كەتسە، يەنە بەزى ئىشلار مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدۇ. شۇنىڭدەك نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئوقۇغان بىر ئوقۇرمەن قەلبىدىمۇ بېغىردەك ئۇيۇپ قالىدىغان ئەسەر ياكى پېرسوناژ ساناقلىقلا بولىدۇ. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ سەرخىل مەزمۇن، رەڭدار سەھىپىلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ كەلگەن «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 1-، 2-سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان ياش يازغۇچى زەينۇللا ھەققۇللانىڭ «ئەركەك» ناملىق پوۋېستى قەلبىمدە ئۆچمەس تەسىر قالدۇرغان ئەسەرلەرنىڭ بىرى. ھېسسىياتقا باي، تەسۋىرگە ماھىر، تەپەككۇرى ئويغاق بىر يازغۇچى بىر چىمدىم توپىنىمۇ قانداق سۆيۈشنى ۋە سۆيۈلدۈرۈشنى بىلىدۇ، شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى ناچار خاھىش، خۇنۇك ھادىسە، ئىنسان تەبىئىتىنىڭ قەبىھ تەرەپلىرىگە ئوت ئېچىپ، ئۈمىدۋارلىق پەيدا قىلالايدۇ ياكى يورۇق نىشانغا باشلىيالايدۇ. نۆۋەتتىكى تۇرمۇش رېتىمى تېز، بېسىم ئېغىر، ۋاقىت قىسلىقى ئېشىپ كېتىۋاتقان ۋەزىيەتتە ئوقۇرمەنلەرنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرگۈدەك ئەسەرلەر بىلەن تەمىن ئېتىش ھەربىر يازغۇچىنىڭ ئىستىداتىغا قويۇلغان مۇقەددەس ۋەزىپە ۋە شەرەپلىك بۇرچ. قايسى خىل ئەسەرلەرنى ياقتۇرۇش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ شۇ ئوقۇرمەننىڭ دۇنيا قارىشى، قىزىقىشى ۋە بەدىئىي ساپاسىغا باغلىق. مېنىڭچە يۈكسەك بەدىئىيلىكنى شەرت قىلغان ئاساستا دەۋر، خەلق ئاممىسى ئېھتىياجلىق بولغان تېمىلارنى يورۇتۇپ، كۈچلۈك پەلسەپىۋى پىكىرلىرى ئارقىلىق ئاڭغا تەسىر كۆرسىتىش بىلەن ئىلمىي يېتەكلەش مەقسىتىگە يەتكەن ئەسەر ھەقىقىي ياخشى ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.
دېمەكچىمەنكى، تارىختىن بۇيان ئەجدادلىرىمىز كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىشلەپ كەلگەن ئەخلاق گۈلىستانلىرىمىزنىڭ مەلۇم بۇلۇڭلىرىنى دەۋر مەدەنىيىتىنىڭ خاتا ئىستېمالى سەۋەبىدىن سارغايتىپ قويۇۋاتقان، بىلىم ساپاسى خېلى يۇقىرى بىر قىسىم ئەرلىرىمىزنىڭ لەۋزىدە تۇرماسلىقى، ۋاپاسىزلىقى، شەھۋەتخورلۇقى ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلمىشلىرى، ئەرلىكنى بۈيۈكلۈككە باغلاپ چۈشىنىش خاھىشىدىن مۇستەسنا بولالمايۋاتقان غۇرۇرلۇق ئاياللارنىڭ مەسخىرە ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە يۈكسەك ۋىجدانىي مەسئۇلىيەت بىلەن يېزىلغان بۇ پوۋېست ھەقىقىي ئەركەكنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر يارقىن نۇقتىنى يورۇتۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. تۆۋەندە مەن بۇ جەھەتتە ھېس قىلغانلىرىمنى قىسقىچە بەش تۈرگە يىغىنچاقلاپ ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن:
تېما يارقىنلىقى
تېمىنى ئەسەرنىڭ باش قىسمى دېيىشكە بولىدۇ، شۇ نۇقتىدىن ئاپتور تېما تاللاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. يۇقىرىدا قەيت قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي ۋەزىيەتتە بۇ تېما ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. تېما بولغان «ئەركەك» سۆزى ئەسەرنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تەكرارلانغان. مەسىلەن: «ئەر كىشىنىڭ لەۋزى ئالتۇن، لەۋز قىلالامسىز؟»، «يىقىلماس، بورانغا بوي بەرمەس دەرەخلەردىن، كۆتۈرۈشچان چۈمۈلىلەردىن ئەركەكلىكنى چۈشەنگەندەك بولدۇم»، «ئەر بولسىلا ئەركەك بولمايدۇ»، «زىغىرلاش — ئەركەكنىڭ ئىشى ئەمەس»... ھالقىلىق جايلاردىكى بۇ خىل تەكرارلىنىش تېمىنى جۇلالاندۇرۇشتا گەۋدىلىك رول ئوينىغان.
بەدىئىي جەھەتتىكى گۈزەللىكى
ئەسەر ھەجىم جەھەتتىن بىر قەدەر چوڭ، جەمئىي چوڭ ئالتە بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇدۇل بايان، چېكىنمە بايان، قىستۇرما بايان قاتارلىق بايان شەكىللىرىنى قوللانغان. ئاپتور ئەسەرنىڭ بېشىدىلا «يېنىغا ئېغىزىنى كالپىيىپ ئېچىپ تۇرغان تىمساھنىڭ سۈرىتى چاپلانغان، ئالاھىدە تىمساھ تېرىسىدىن تىكىلگەن ئاياغنى كىيىپ» دېگەن بايانلار ئارقىلىق ۋەھشىي تىمساھنى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى ئەسەرنىڭ ئەڭ خىلۋەت بۇلۇڭلىرىغىچە باشلاپ كىرىپ كېتىدۇ. تەسۋىرىي بايان نۇقتىسىدا تۇرۇپ ھېسسىياتنى ئىزھار قىلىدىغان يېقىشلىق شېئىرىي تىل، ئۇسلۇبىي ۋاسىتىلەر، دەل جايىغا نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئىدىئوم ۋە ماقال-تەمسىللەر يۈكسەك پەللىدىكى ئەركەكلەر روھىنى چىنلىق دۇنياسىنىڭ ئېستېتىك قاتلىمىدا راۋاجلاندۇرغان. مەسىلەن: «ئاياللارغا تولغان كوچىلار ئاياللارغا ئىنتىزار، ئەرلەر بېسىپ كەتكەن شەھەرلەر ئەركەكلەرگە زار-زار»، «مۇئامىلىسى باتارېيەنىڭ توكى قالمىغان قول چىراغدەك سۇس»، «ھەھالدا خانىدانلىقىمىزنى قولۇمغا ئالدىم، ئائىلىمىزدە سۇلالە ئالماشتى»، «قىسقان يەردىن گۈل ئۈنەر»، «كوسىغا مەنسەپ تەگسە ئۆچكىدىن ساقال بېجى ئاپتۇ»... بۇ خىل بايانلارنى ئەسەرنىڭ ھەممىلا جايىدا ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئاپتور تىلى ئاساس قىلىنغان بۇ ئەسەر باشتىن-ئاخىر يۇمۇرىستىك تىللار بىلەن ئىپادىلىنىشى ۋە پەلسەپىۋى پىكىرلەرگە لىققىدە تويۇنۇشى بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە ئاجايىپ ھۇزۇر ئاتا قىلالايدۇ.
پېرسوناژلار ئوبرازى جەھەتتە
ئەسەردە ئاساسلىق ۋە قوشۇمچە بولۇپ جەمئىي ئون نەپەر پېرسوناژنىڭ دىيالوگى بېرىلگەن بولۇپ، ئاپتور بىرمۇ پېرسوناژغا ئىسىم قويماي «قىز»، «ئايالىم»، «باشلىق»، «خىزمەتدىشىم»... دەپ ئاتاپ كېتىۋەرگەن. مېنىڭچە بۇمۇ بىر ئۆزگىچىلىك بولسا كېرەك، چۈنكى ئەدەبىي ئەسەرنىڭ مەركىزىي ئىدىيەسى ۋە سىيۇژېت ئېھتىياجى چىقىش قىلىنىدىغان بولغاچقا، چوقۇم ئىسىم قويۇش شەرت ئەمەس. ئاپتور «مەن»دىن ئىبارەت باش پېرسوناژنى چۆرىدىگەن ئاساستا «قىز» بىلەن «مەن»نىڭ ئۈچ قېتىملىق جىددىي پۇرسەتتە تاسادىپىي توغرا كېلىپ قېلىشلىرى، ئىنچىكە دىيالوگلىرى ۋە روھىي دۇنياسىدىكى نازۇك ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق مەنىۋى قاتلاملارنى روشەن يورۇتۇش بىلەن بىرگە، پېرسوناژلارنىڭ تەپەككۇر دۇنياسىدا ئەركىن پەرۋاز قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىچكى پۇستىدا يوشۇرۇن ئەۋج ئېلىۋاتقان ئىدىيە زەئىپلىكىنى قامچىلىغان. ئەسەردىكى «مەن» كوچىدا قىزنى تۇتقۇن قىلىۋالغان لۈكچەكنى يىقىتىپ، ساقچىلار تەرىپىدىن «باتۇر، قەھرىمان، ئوغۇل بالا ئەركەك» دەپ تەرىپلىنىپ، تېلېۋىزوردا كۆرسىتىلگەندىن بۇيان ئۆزىچە روھلىنىپ، تىمساھ تېرىسىدىن تىكىلگەن ئاياغدىن بىرنى سېتىۋېلىپ كىيىپ، ۋەھشىي تىمساھنى دەسسەپ چەيلەۋاتقاندەك تۇيغۇدا «ئەركەك»لىك پىراكتىكىسىنى باشلىۋېتىدۇ. ئوقۇمۇشلۇق ئايالىمۇ «مەن»دىكى روھىي ئۆزگىرىشلەردىن ھەيران قالىدۇ ۋە ئورۇنسىز تەلەپ، بولمىغۇر قىلىقلىرىغا ئامالسىز يول قويىدۇ. ئاخىرى «سۈنئىي تىمساھنىڭ سۈنئىي تېرىسى تۆت ئايلىق بولغان»دەك، «مەن»نىڭ روھىي دۇنياسىدىكى تۇيۇقسىز پەيدا بولغان سۈنئىي «ئەركەك»لىكمۇ تۆت ئايلىق بولۇپ، نۇرغۇن نازۇك ھېسسىي توقۇنۇش، ئىنچىكە جەريان، پاراسەت غالىبىيىتى بىلەن «سىناق»تىن غەلىبىلىك ئۆتۈپ، ئۆزىگە قايتىپ ھەقىقىي «ئەركەك»لىكىنى نامايان قىلغان. ئەسەردىكى «مەن» گەرچە تىپ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمىسىمۇ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىدە ئورۇن ئالالىغۇدەك ئوبراز. ئەسەردىكى يەنە بىر ئاساسلىق پېرسوناژ يىگىرمە سەككىز ياشلارغا كىرگەن، ئالىي مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، ئەقىللىق، پەزىلەتلىك، تىرىشچان، ئانىسى بىلەن ئىككىسى يالغۇز بىر ئۆيدە ياشاپ كەلگەن ئىجابىي ئوبراز. بۇ قىز تۇنجى قېتىم قاتىلنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇۋالغان ۋە ئىككىنچى قېتىم سۇ پونكىتىدا ئۇچرىشىپ قالغان «مەن»نىڭ خاراكتېرىدىكى «ئەركەك»لىكنى بايقاپ ھۆرمىتى ئاشىدۇ ۋە ماھىرلىق بىلەن بىر مەيدان ئويۇن ئويناپ چىقىدۇ. قىز شۇنچە چىرايلىق، پەزىلەتلىك، بىلىملىك تۇرسىمۇ ئائىلە ئەھۋالىنى سەۋەب قىلىپ بىرەر «ئەركەك»نىڭ كۆكرەك كېرىپ چىقىپ توي تەلىپى قويالماسلىقى، ئۇنى ئاز دەپ ئائىلىسى بار ئەرلەرنىڭمۇ قانات سۈرۈشىدىن بىزار بولۇپ ھەقىقىي «ئەركەك»كە زار بولۇپ كەتكەن قىز «مەن»نىڭ ئەركەكلىك دەرىجىسىنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقماقچى بولىدۇ. نەتىجىدە جاھاندا «ئەركەك»نىڭ يەنە بارلىقىنى ھېس قىلىپ، قەلبى ئۈمىدۋارلىققا تولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئەدەپ-ئەخلاق بوستانى بىلەن ئەركەكلىك بەيگە مەيدانى بىر قىزنىڭ چوكانلىق مەۋسۇمىگە، بىر يىگىتنىڭ ئەرلىك مەۋسۇمىگە تەنتەنە قىلىش بىلەن ئەسەر تۈگەللەنگەن، شۇنداقلا ئاپتور «مەن» ۋە «قىز»دىن ئىبارەت ئىككى پېرسوناژنىڭ تىلى ۋە خاراكتېرى ئارقىلىق ئەسەرنىڭ چىن گۈزەللىك، ئادىمىيلىك، ھايات مىزانىنى بۈيۈكلۈككە كۆتۈرگەن.
مەزمۇن خاسلىقى ۋە ئىپادىلەش جەھەتتە
ئاپتور پروزا ئىجادىيىتىدە قاتارلىشىپ كېتىۋاتقان ئىشقى-مۇھەببەت، ئائىلە ماجىراسى، كۆپ مەنبەلىك يېزا تۇرمۇشى، قايسى بىر باشلىقنىڭ ناتوغرا ئىستىلى، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەت ۋەقەلىكى، چۈش بىلەن رېئاللىق گىرەلىشىپ كەتكەن فانتازىيە ۋە ھادىسىلەرنىڭ قۇرۇق بايانلىرىدىن بىراقلا ھالقىپ، روھىيەت ئالىمىنىڭ ئىچكى قاتلىمىغا بۆسۈپ كىرىپ، ئۆزىگە خاس بولغان ئىپادىلەش شەكلى ئارقىلىق، مۇرەككەپ مەنزىرىگە تولغان شەھەر تۇرمۇشى ئىچىدىكى ناھايىتى مۇھىم بولغان يېڭىچە بىر مەزمۇننى بۆسۈش نۇقتىسى قىلغان.
ئاپتور ئۆز ئىدىيەسى ۋە مەۋقەسىنى ئوبرازلىق تىللار بىلەن ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن بىللە، ھېسسىيات قۇلچىلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرگەن. ئەسەرنىڭ بىر قىسىم بۆلەكلىرىدە تىلغا ئېلىنغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەركەكلىكى، نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان مۇۋاپىقلىق بىلەن مۇناپىقلىق، دىيانەت بىلەن خىيانەت، مۇھەببەت بىلەن شەھۋەت ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن كۈرەش، ئائىلىدىن ئىبارەت كىچىك ۋەتەننى ۋە ۋەتەندىكى پۇقرالارنى سۆيۈشنىڭ ھەقىقىي ئەركەكلىك بۇرچى، شۇنداقلا ئەرنىڭ ئىپپىتى، ئىنساننىڭ ھايۋاندىن پەرقىلىنىدىغان بىردىنبىر ئامىلى گۈزەل ئەخلاق-پەزىلەت ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بىر قاتار مەزمۇنلاردىن ئەسەرنىڭ ھەققانىيەت تارازىسىدا خېلى ئېغىر ئولتۇرىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.
ئىنسان تەبىئەتتىن ئايرىلالمايدۇ. ئاپتور لېرىكىلىق تەبىئەت تەسۋىرى بىلەن ئىچكى ھېسسىياتنى زىچ جىپسىلاشتۇرۇپ مەركىزىي ئىدىيەنى بېيىتقان: «ئەتراپ قاپ-قاراڭغۇ، زۇلمەت ھەممە يەرنى يەپ كەتكەن، كۆك سەتھىنى قورقۇنچلۇق قارا بۇلۇتلار قاپلىغان، ئەتراپ شۇنچىلىك سۈرلۈك، مەن تۇنجى قېتىم بۇ تامدىن سەكرىگەندە سۈتتەك ئايدىڭ ئىدى، مۇشۇ ئېرىقتا ئېقىۋاتقان زىلال سۇدىكى تولۇن ئاي ماڭا قاراپ شۇنچىلىك بەرنا كۈلۈمسىرىگەن ئىدى». مانا بۇ ئاخىرقى قېتىم قىزنىڭ «مەن»نى تامدىن سەكرەپ ھويلىسىغا چۈشۈشكە قىلغان دەۋىتى بىلەن تامغا يامىشىشتىن بۇرۇنقى مۇرەككەپ تۇيغۇسى. «مەن» تۇنجى قېتىم ئايدىڭ كېچىدەك توغرا نىيەت بىلەن پورتماننى ئىزدەپ كىرگەن ئىدى. مانا ئەمدى شەھۋەت غەليانچىلىرى شۇ زۇلمەت قاراڭغۇلۇققا سەكرەشكە ئۈندىمەكتە. ئاخىرى ئۇ بىر ئىلاھىي كۈچنىڭ قۇدرىتى بىلەن ئاتا-ئانىسىنى، ھالال جۈپتىنى ۋە ئوماق پەرزەنتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، بىردىنلا ئەندىكىپ كېتىدۇ-دە، ئۆزىگە قايتىپ سىناقتىن غەلىبىلىك ئۆتۈپ، قىز بىلەن پاك نىيەتتە سەمىمىي پاراڭلىشىدۇ. بۇ چاغدىكى مەنزىرىنى «كېچە قاراڭغۇلۇقى بارا-بارا سۇسلاپ، قاپ-قارا ياۋۇز بۇلۇتلار تارقاشقا باشلاۋاتاتتى، كۈن چىقىش تەرەپ بۇزىرىشقا باشلىغان ئىدى، ئەمدى تاڭ سۈزۈلىدۇ، يېڭى قۇياش چىقىدۇ» دەپ تەسۋىرلەپ، نۇرلۇق ھاياتتىن بىشارەت بېرىدۇ. ئەپچىللىك بىلەن سىيۇژېت قۇرۇلمىلىرى بەرپا قىلىپ، ئەسەرنىڭ تۈگۈنى، راۋاجى، يېشىمىنى مۇۋاپىق كىرىشتۈرۈپ، ئەركەكلىك سالاھىيىتى ھازىرلىمىغان ئەرلەرنى يېڭى بىر روھىي ئويغىنىشقا يېتەكلەيدۇ.
ئاپتور يېزىپ كېتىۋېتىپ ئۈچىنچى بۆلەكتە ھەممە كىشىنىڭ نەپرىتىنى قوزغايدىغان مۇنداق بىر ۋەقەلىكنى قىستۇرما قىلىدۇ، يەنى ئۆگەي قىزىغىمۇ پوخۇرلۇق قىلىدىغان، ئۆزى سىرتتا ناشايانە ئىشلارنى قىلىپ، ئايالى بىلەن قىزىنى باشقۇرالمايۋاتقان بىر ئەر بىلەن پەزىلەتسىز ئايالى ۋە قىزنىڭ ماجىراسى. بۇ يەردە ئاپتور «ئەر دېگۈدەك يېرى قالمىغان ئىدى، بەلكىم ئادەم دېگىلىمۇ بولماس...» دېگەن تەسۋىرلىرى ئارقىلىق ئەرلەر دۇنياسىدا تولىمۇ ئاز كۆرۈلىدىغان مۇنداق ئەرلەرنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.
ئىدىيەۋىلىكى جەھەتتە
ئەرلەر قەدىمدىن بېرى ئائىلە، ۋەتەن، مىللەتنىڭ ئېغىر ۋە مۇھىم مەسئۇلىيەت بۇرچىنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلگەن. بۇ ئۇلارغا تەبىئىيلا جەسۇرلۇق، كۈچلۈك غۇرۇرنى تەقەززا قىلغان. پاراسىتى يوق، ئىرادىسىز ئەرنىڭ غۇرۇرى بولمىغىنىغا ئوخشاش، پەزىلىتى يوق ئەرنىڭمۇ مەسئۇلىيەت ئېڭى بولمايدۇ. ئەركەكلىك روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆلچەملىك بىر قېلىپى يوق، شۇڭا ئات ئۈستىدىكى چەۋانداز، جەڭگاھتىكى قەھرىماندىن تارتىپ سۈرلۈك ئەمەلدار، كەپتەرۋاز، قىمارۋاز ئەرلەرگىچە ئۆزلىرىنى قالتىس ئەركەك ھېسابلايدۇ. «مەن» ئەركەكلىكنى پىراكتىكا قىلىپ باققاندىن كېيىن، ئايال پېرسوناژنىڭ نىداسى ئارقىلىق ھەقىقىي ئەركەكنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئىزاھات بەرگەن. قارايدىغان بولساق، ئالتىنچى بۆلەكتە تەسۋىرلەنگەن مەزمۇنلار ھەربىر ئويغاق قەلب ئىگىسىنى ئىختىيارسىز ئويغا سالىدۇ؛ يەنى تۇيغۇلارنى غىدىقلايدىغان يازنىڭ زېرىكىشلىك ئاخشىمى، «مەن»نىڭ يېنىدىكى ئېرىقتا شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۇ، مەيىن شامال، خىلۋەت ۋە تىمتاسلىق، رومانتىك كېچە، «مەن»نى توختىماي چىللاۋاتقان «كۆكسىلىرى تومپىيىپ چىققان» تەنناز قىز، ئىلگىرىكى تاسادىپىي ئۇچرىشىشتىن قالغان تاتلىق ئەسلىمىلەر، ئايالى ساياھەتكە كەتكەچكە تەبىئىي «چاڭقاپ» تۇرغان «مەن» ئۆز نەپسىنى كونترول قىلىپ ھەقىقىي ئەركەكلىكنى نامايان قىلىش بىلەن ھازىرقى زامان مودىسىغا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرغان «يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، نەپسىنى يەڭگەن باتۇر» ئۇقۇمىنى شەكىللەندۈرگەن. «مەن» يەنە: «بالىلىق ۋاقىتلىرىمىزدا ئاتام ھەر قېتىم ئۆيگە يەيدىغان نەرسە ئېلىپ كەلگەندە، ئاۋۋال چوڭ داداملارنىڭ نېسىۋىسىنى ئايرىپ بولۇپ قالغىنىنى بىزگە تۆكەتتى، ئاندىن ئۆزى يېمەي، تامشىپ يېيىشلىرىمىزگە ھەۋەسلىنىپ قاراپ كېتەتتى...» دەپ يېزىش ئارقىلىق ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت ئالدىدىكى مۇقەددەس بۇرچىنى ئادا قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئەركەكلىك جۈملىسىدىن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، پونكىت باشلىقىدەك يۇقىرىغا كۈچۈكلىنىپ، تۆۋەننى باسىدىغان پورقورساق باشلىق ئەرلەرنى «ئەركەك»لەر قاتارىدىن چىقىرىۋەتكەن. «بەدەندىكى زەئىپلىك، روھىيەتتىكى زەيپانىلىك بۇرۇنقىدەك نۇقسان سانالمايدىغان، ئۇنداقلارغا ئاجىزلار قاتارىدا ھېسداشلىق قىلىنىپ قۇتقۇزۇش بېرىلىدىغان بولدى»، «بالاغەتكە يەتكەن قىزلار گۈل قىسالمايدىغان، ئوغۇللار ئەركەك سانالمايدىغان، گۈل قىسالمىغان قىزلاردىن: <گۈلۈڭ قېنى؟> دەپ سورىمايدىغان، ئەركەك بولالمىغان ئوغۇللاردىن ھېچكىم پالۋانلىق تەلەپ قىلمايدىغان بولدى». مانا بۇ تەسۋىرلەردىن ئاپتورنىڭ ئىچ-ئىچىدىن قايناپ چىقىۋاتقان ھەسرەتلىك پىغانىنى، مىللەتكە بولغان چەكسىز مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى ۋە مۇرەككەپ ئىدىيەۋى ھېسسىياتىنى كۆرۈۋالالايمىز.
نۇرغۇن ھادىسىلەرنى كۆرۈپ ھەيران قېلىۋاتىمىز، لەۋلىرىمىزنى چىشلەش، ئىچىمىزگە تىنىش، كۆرمەسكە سېلىش، سۈكۈتتە تۇرۇش ھەممىمىزگە ئادەت بولۇپ كېتىۋاتقان شارائىتتا بۇ ئەسەر ئەرلەرنىڭ ئىدىيە بوشلۇقىغا قەترە تامدۇرغان. كۈندۈزنىڭ كېچىسى، گۈلنىڭ تىكىنى بولغاندەك، مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان بۇ ئەسەردىمۇ بىر قىسىم يېتەرسىزلىكلەر كۆرۈلگەن، ئاپتورنىڭ كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن قىسقارتىپ ئوتتۇرىغا قويۇشنى لايىق تاپتىم:
ھەرقانداق بىر ئاپتور ئۆز ئەسىرىدە ئىپادىلەنگەن ھەربىر تىنىش بەلگىسى، سۆز ۋە جۈملىلەرگە، شۇنداقلا شۇ سۆز ۋە جۈملىلەر بىلدۈرگەن مەنىلەرگە چوقۇم ئەستايىدىللىق بىلەن مەسئۇل بولۇشى كېرەك. ھالبۇكى ئەسەرنىڭ بىر قىسىم بۆلەكلىرىدە لوگىكىلىق خاتالىق يۈز بەرگەن.
مەسىلەن: «ئۇلار ئۆچەككە كىرگەن بىر تىمساھنىڭ ئويغانغانلىقىنى بىلسۇن» (بىرىنچى بۆلەك). تىمساھ كۆندۈرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، تىمساھ مەخسۇس ئىسسىق بەلباغ رايونلىرىدا ياشايدىغان، تەن قۇرۇلۇشى يوغان، كېلەڭسىز جانلىق بولۇپ ئۆچەككە كىرمەيدىكەن.
«سىز بىلمەيسىز ئاكا، ئاپام جەنۇبلۇق، بۇ يەردە بىزنىڭ رەھمەتلىك ئاتامنىڭ يېزنىسىدىن باشقا تۇغقىنىمىز يوق» (بەشىنچى بۆلەك). بۇ جۈملىدىكى «يېزنە» مەخسۇس ئاياللار ئىشلىتىدىغان سۆز بولۇپ، ئاياللار ھەدىسىنىڭ يولدىشىنى شۇنداق ئاتايدۇ؛ ئەرلەرنىڭ يېزنىسى بولمايدۇ، بەلكى كۈيئوغۇل ئاكا ياكى كۈيئوغۇل ئىنىسى بولىدۇ.
«خوتۇنىدىن ئېشىپ قىزىغا پوخۇرلۇق قىلىشى» (ئۈچىنچى بۆلەك). ئادەتتە ئەرلەرنىڭ پوخۇرلۇق قىلىدىغىنى ئۆزىنىڭ ئايالى بولمايدۇ.
«قېيىنئاتاڭ بىر ئۆمۈر گىروي ئۆتكەن ئادەم، ئېرىڭ بىرەر قېتىم گىرويلۇق قىلىپ قويسا يامانلاپ كەپسەن» (ئالتىنچى بۆلەك). «گىروي» سۆزى تىلىمىزغا رۇسچە سۆزدىن كىرىپ ئۆزلەشكىنى بىلەن، لۇغەت مەنىسى — «بەستلىك، قاۋۇل، ئېگىز» دېگەن مەنىلەردە، جۈملە ئىچىدىكى مەنىسىنى «ئېسىل، نوچى» دەپ چۈشەنگەن تەقدىردىمۇ، نوچى، باتۇر ئەرلەرنىڭ ھەممىسىلا گىروي بولۇپ كېتىشى ناتايىن.
«بولدى، مېنى ساقلىماي ئۇخلاۋېرىڭلار! ئايالىمنىڭ گېپى تۈگىمەي <لۆڭڭىدە> تەگدىم-دە، تېلېفوننى ئۈزدۈم» (ئۈچىنچى بۆلەك). جۈملىدىكى «لۆڭڭىدە» سۆزى تەقلىدىي سۆز بولۇپ، ئېگىز، بەستلىك ئادەملەرنىڭ ئۆيگە كىرىپ كەلگەن چاغدىكى تەسۋىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.
ئەسەردىكى بىر قىسىم ئارتۇقچە ياكى قوپال تەسۋىرلەر ئەسەرنىڭ گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزگەن. مەسىلەن: «ھەممىگە قەھرىمان بولۇپ تونۇلدۇم، ئەمدى كىم مېنى <سايىمەك> دېسە شۇنىڭ قوڭىغا قايناقسۇ»، «نۆۋەتچىلىك كۈنلىرى مانا مۇشۇنداق ئىتتەك ئۆتىدىغان گەپ»، «كەلگىنىگە نەچچە بولا-بولماي بىزنى پۇقرالارغا ئۇجۇن كۆرسىتىۋەتتى بۇ سولامچى»، «ئېغىرلاشقان بېشىمنى مەجبۇرىي كۆتۈرۈپ، تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ ھاجىتىمنى راۋان قىلدىم، ئاندىن يۈز-قوللىرىمنى يۇيدۇم» (ئىككىنچى بۆلەك).
زىيادە مۇبالىغىلەشتۈرۈۋېتىلىش بىلەن رېئاللىقتىن چەتنەش ئەھۋالى ۋە خاراكتېر قارشىلىقى كۆرۈلگەن. مەسىلەن: «مەن»نىڭ ئايالى ئەسلى رايىش، تېجەشچان، قېيىنئاتا-قېيىنئانىسىنى ھۆرمەتلەيدىغان ئۇقۇمۇشلۇق بىر زىيالىي؛ «مەن»مۇ ئەقلى-ھوشى جايىدا بىر دۆلەت خىزمەتچىسى؛ يەنە كېلىپ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى. بىر قېتىملىق تاسادىپىي «قەھرىمانلىق»تىن كېيىنلا «مەن»نىڭ ئىدىيەسى ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ، ھەجۋىي بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىشى ئەقىلگە تازا مۇۋاپىق ئەمەس.
«مەن» پەردە ياغىچى بىلەن «قىز»نى تۇتقۇن قىلىۋالغان قاتىلغا بىرنى سېلىشى بىلەن قاتىلنىڭ قولىدىكى پىچاق چۈشۈپ كېتىدۇ-دە، ئوڭ تەرەپكە سەنتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە پەردە ياغىچى خۇددى قۇمۇشقا ئوخشاش ئىچى قۇرۇق تاياق، ھەرقانچە قاتتىق ئۇرسىمۇ جان-جەھلى بىلەن چىڭ تۇتقان پىچاق چۈشۈپ كەتمەسلىكى، ئوڭ تەرەپكىمۇ سەنتۈرۈلۈپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. بۇ بايانلارنى سىيۇژېت راۋاجىنىڭ ئېھتىياجى دەيلى، ئەمما ھەرقانداق بىر ئادەم ئارقىسىدىن كېلىدىغان تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا تەييار تۇرىدۇ.
يىگىرمە سەككىز ياشلارغا كىرگەن ئەقىللىق، پەزىلەتلىك «قىز» بىر كەچ ۋاقتى سۇ پونكىتىدا سولىنىپ قالىدۇ، «مەن» ئولتۇرغۇزۇپ قويغان نۆۋەتچىخانىدا نۆۋەتچى كىشىنى ساقلىماي تالادا يۈرۈپ، ئىتتىن قورقۇپ «مەن»نىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ، «مەن»نىڭ كەينىگە ئۆتكىنىچە ئورۇندۇقنى چىڭڭىدە تۇتۇۋالىدۇ ۋە ئىسسىق نەپىسى «مەن»نىڭ بوينىغا ئۇرۇلىدۇ، سىرتقا چىقىپ ئىتنىڭ قاۋىغىنىنى كۆرۈپ «مەن»گە چاپلىشىۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ «قىز» ئانىسى يوق چاغلاردا خىلۋەتتىكى باغلىق ھويلىسىدا ياستۇقى ئاستىغا پىچاق قىستۇرۇپ تەنھا ياتىدىغان خېلى باتۇر قىز، ئىتنىڭمۇ ئۆيگىچە قوغلاپ كىرمەيدىغىنىنى بىلىدۇ.
قىسمەن مەزمۇن چېچىلاڭغۇلۇقى بار، بولۇپمۇ ئالتىنچى بۆلەكتىكى «مەن» بىلەن قىزنىڭ دىيالوگى بەك ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، ئوقۇرمەنلەردە زېرىكىش تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ قويغان.
يۇقىرىقىلىرى شەخسەن مېنىڭ ھېس قىلغانلىرىم. ئومۇمەن، بۇ ئەسەر ئاپتورنىڭ تۇنجى پوۋېستى بولۇشىغا قارىماي خېلى زور دەرىجىدە ئۇتۇقلۇق چىققان. ئاخىرىدا ئاپتورنىڭ كېيىنكى ئىزدىنىشلىرىگە ۋە ئىجادىيىتىگە بەرىكەت تىلەيمەن.
ئەسكەرتىش: «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىنىڭ 2016-يىللىق 1-سانىدا ئازراق قىسقارتىپ بېرىپتۇ، مەزكۇر مۇنبەرگە ئەسلىي نۇسخىسىنى يوللاپ قويدۇم.
Yorumlar
Yorum Gönder