ئۇيغۇر بىز (شېئىر)



سائادەت ساتتار (ئايتۇغ)   


يىقىلغاننى كۆرگەندە يۆلەيدىغان ئۇيغۇر بىز،

يالغۇز بىر ۋاق تاماقنى يېمەيدىغان ئۇيغۇر بىز.

ياردەم دىسە بىرلىرى ھەرگىز قاراپ تۇرماستىن،

قايسى مىللەت، قايسى دىن دېمەيدىغان ئۇيغۇر بىز.   


يىغلىغاننى كۆرگەندە يىغلايدىغان ئۇيغۇر بىز،

ئەھدىمىزگە خىيانەت قىلمايدىغان ئۇيغۇر بىز.

ئاچ بولسىمۇ قوسىقى ئاچ قالغانغا نان بېرەر،

قىزغىنىشنى، تامانى بىلمەيدىغان ئۇيغۇر بىز.   


مىھمان كەلسە سۆيۈنۈپ كۈلىدىغان ئۇيغۇر بىز،

بىر باش پىياز يا خوراز سۇيىدىغان ئۇيغۇر بىز.

لەۋلەر يېرىق بولسىمۇ چاندۇرماستىن مىھمانغا،

ھۆرمەت بىلەن ھەسەل چاي سۇنىدىغان ئۇيغۇر بىز.   


قەرز بەرسەك تىلخەتمۇ ئالمايدىغان ئۇيغۇر بىز،

كىشى ھەققى رىزقىدىن تانمايدىغان ئۇيغۇر بىز.

ئوڭ قولىدا ياخشىلىق قىلسا سول قول بىلەلمەس،

ياخشىلىققا ھېچ داۋراڭ سالمايدىغان ئۇيغۇر بىز. 

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك