رۇبائىيلار (ئابدۇللاھ سۇلايمان)
1
بىر كۈنى دىلىم غەش، ئىچكەنتىم شاراپ،
كەيپ بولدۇم، مەي - مەسلىك تېنىمگە تاراپ.
چىقتى جام تېگىدىن بوۋامنىڭ ئۈنى:
"ئەقلىڭدىن خوشلاشما مۇنچە ئالدىراپ!"
2
ماڭلايدىن تۆكۈپ ھەر كىم ساپ ئەجرى تەر،
باغ بىنا قىلسا، شۇلا ھەقىقى ئەر.
ئەر ئېلىپ نۆۋەت، سالسا بىر تال ئۇرۇق،
يەر ئېلىپ ئاندىن نۆۋەت، بېرىدۇ زەر.
3
بىر ھېسابتا ئىنسان ئوخشار لەگلەككە،
گايىدا خىيالى ئۇچار پەلەككە.
بىھۇدە خىيالنىڭ يىپىنى تارتقىن،
ئۇچىنى چىڭ باغلاپ ئۇلۇغ تىلەككە.
Yorumlar
Yorum Gönder