تەنھا شاراب ئىچكەندىن كېيىن (شېئىر)
دۇفۇ
شام چېچەكلىسە نېمەمدىن خۇش بولاي،
مەي بولۇپ قالدى ماڭا يار- ئۈلپىتىم.
نەزمە پۈتسەم پىر بېرۇر ماڭا مەدەت،
كەيپ ئىلەن ئۆتتى مۇساپىرلىق كۈنۈم.
كەتمىسە كۆزدىن نېرى ھېچ جەڭ-جېدەل،
كى ئاسايىشتا ياشايمۇ بىر ئۆزۈم؛
زەررىچە ئەمەلگە باغلاندىم، دەرىخ،
چۈشتى باش ئەل ئالدىدا، كۆيدى يۈزۈم!
ئابدۇكېرىم خوجا تەرجىمىسى
Yorumlar
Yorum Gönder