مەن كۆرگەن خارابىلار (شېئىر)


ئىمىن ئەھمىدى


لام-جىم دېمەي چېچىلىپ ياتقان خىشلار

ئۆرۈلگەن سارايلاردا خىيالىم.

سۇنغان مەرمەر پارچىسىدا ھىلال ئاي

شاھلار تەختى بىلەن بولمىدى كارىم.

دىۋارلارنىڭ ئۆزىلا ئۆچمەس يېزىق

كۆرۈنمەيدۇ بولغار تاشلىق كىتاب.

تۆۋرۈكلەر گىگانت ئادەمنىڭ ئۆزى

يىراق ئەسىرلەردىن قالغان ئىزتىراپ.

ئىزاھات يوق، چۈشەندۈرۈش يوق

ئاڭلانمايدۇ مىڭ سەيياھقا بىر خىل گەپ.

كۆرۈۋاتقانلارنىڭ قەلبى قەلبىدە

بىرىگە شادلىق بىرىگە ھەسرەت.

ياش بىرلىرىگە بىلىنىدۇ سۇ،

تۈزلەڭ بىرلىرىنىڭ قارىشىدا تاغ.

بىرلىرىدىكى شۆھرەت بىرلىرىگە خەس

بىرلىرى ئىزدىگەن شان بىرلىرىگە داغ.

يۇمىلاق قۇببىلىق جامەلەر يېنىدا،

ھۆرمەت بىلەن تىكلىنىپ تۇرىدۇ چېركاۋ. 

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك