خوشلىشىپ چىقتىم سەھەر بەيدى بىلەن (شېئىر)
لى بەي
خوشلىشىپ چىقتىم سەھەر بەيدى بىلەن شەپەق ئارا،
يېتىمەن مىڭ لى يىراق جياڭلىڭغا مەن بىر كۈندىلا.
قاشتا مايمۇنلار ساداسى ئاڭلىنىپ قالدى، بىراق،
قاتمۇ-قات تاغلاردىن ئۆتتى قولۋىغىم بىر دەمدىلا.
ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى
Yorumlar
Yorum Gönder