ئاق بۇژغۇن (شېئىر)


ئىمىن ئەھمىدى   


خام خىيال چۆلىگە ئۈنگەن سۆكسۆكلەر

ئارزۇ سەلكىنىدە سولۇپ تۈگىدى.

تەنھالىق ئاختۇرغان بۇ مىسكىن يۈرەك

ئەسىر غوۋغاسىدا ئۆلۈپ تۈگىدى.

سېنى سۆيمىگەنگە بەرگەن سۆيگۈلەر

پۇشايمان ئوتىدا كۆيۈپ تۈگىدى.

ۋاپاسىز قوقاستىن تۇتاشقان پىراق

ۋاپا مەلھىمىدە سويۇپ تۈگىدى.

نادانلىق نۇرىغا قاقلانغان بەدەن

ۋاقىتسىز ھەسرەتكە تويۇپ تۈگىدى.

يالغان ۋەدىلەرگە چاڭقىغان ۋۇجۇد

پۇشايمان شارابىنى قۇيۇپ تۈگىدى.

ھەرنە ۋەسىۋەسىلەر كەتتى كەلمەسكە

ساقال ئاقاردى چاچ چۈشۈپ تۈگىدى.

مېنىڭ تۈگىشىمنى سورىسا كىملەر

ئۇ دەيدۇ جاھاندىن كۈلۈپ تۈگىدى.   


1995-يىل ئەتىياز 

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك