رۇبائىي (ئايتۇغ) Bağlantıyı al Facebook X Pinterest E-posta Diğer Uygulamalar Ekim 09, 2026 ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك،بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك! شۈمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت، قايغۇغا ھامىلدار بىر دەملىك غەپلەت. Bağlantıyı al Facebook X Pinterest E-posta Diğer Uygulamalar Yorumlar
تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن Ağustos 20, 2026 تەرجىمە قىلغۇچى: ياسىن ھاۋازى تاغدا ۋاڭ بۇ باستى دەرت، چاڭجياڭ ئارا بولغاچ قامال، كەتكىلى يۇرتۇمغا ئىزدەيمەن ئامال. تاغمۇ-تاغدا ئۇچۇرۇپ غازاڭلىنى، ئىلكىگە ئالدى جاھاننى سوغ شامال. لەشكەرلىكتە ياڭ جيۇڭ كەلدى غەربىي ئاستانىنى يورۇتۇپ گۈلخان، بۇنى كۆرۈپ جان – جېنىمغا ئۇلاشتى پىغان. چەۋەندازلار چىك قاپىدى ئەجدەر بالىقنى، خان سارايدىن چىقىشىغا لەشكىرىي پەرمان. جەڭ دۇمبىغى بوران ئارا ئاڭلىنار پات-پات، خىرە ئەتتى جەڭ تۇغىنى قار ۋە شىۋىرغان. ئەلا ماڭا تالىپ بولۇپ ئۆمۈر سۈرگەندىن ئاتلىنىپ جەڭ مەيدانىغا ئون بېشى بولغان! يۇجۇ راۋىقىغا چىققاندا چېن زىئاڭ باقىمەن ئارقامغا، ئەجداتلار قېنى؟ باقىمەن ئالدىمغا، ئەۋلاتلار قېنى؟ ئۇچ-چېكى يوقكەن جاھاننىڭ، ئويلىسام، تۇتتى ھەسرەت يىغىغا قىستاپ مېنى! يۇرتۇمغا قايتقاندا خې جژجاڭ يۇرتۇمغا ياندىم ياشىنىپ، چىققاندا مەن ئىدىم گۆدەك، ئاقاردى چېكە چاچلىرىم، گەپ-سۆزلىرىم ئاۋالقىدەك. «مېھمان قاياقتىن ئۆزلىرى؟» دەيدۇ سوراپ شوخ بالىلار، ئۇلار ساناشقان چېغى بار ئەسلىمنى يات-يېگانىدەك. دوستۇمنى يوقلاپ سەھراغا بارغاندا مېڭ خاۋرەن چىللىدى سەھراغا دوستۇم ئۆيىگە، ر... Devamı
ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟ Ocak 24, 2026 📂 تېمىسى: ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟ ✍️ ئاپتورى: ب ۇرھان مۇھەممەد 🏷️ تۈرى : ئەدەبىي ئوبزور ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟ مىللەت گەۋدىسى بىر بىناغا ئوخشىتىلسا، ھەر بىر شەخس بۇ بىنانىڭ شەكىللىنىشىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى ئامىللىرىدىن بىرى بولغان خىشلىرى ۋە ئۇيۇل تاشلىرىدۇر. مىللەت گەۋدىسىنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە مەزمۇت يىلتىزىنى تەشكىل قىلغۇچى نەچچە مىڭ يىلغا سوزۇلغان تارىخىنىڭ بولۇشى، مەدەنىيىتىنىڭ ۋە ئىلاھىي تۇتقۇ بولغان قۇرئان ۋە سۈننىتىنىڭ بولۇشى ئۇنىڭ ئاسان غۇلاپ كەتمەيدىغانلىقىدەك رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇرغۇچى ئەۋزەللىكلىرىدىندۇر. مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى ۋە دىنىنى بۇرمىلاش، بىر پۈتۈن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش غەرىزىدە بولۇۋاتقان زالىم كۈچلەر يىللاردىن بىرى ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان يىلتىزدىن قومۇرۇپ تاشلاش سىياسىتىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان بولۇشىغا قارىماي، دېگەندەك ئۈنۈم بەرمەيۋاتقانلىقىنى، دۇنيانىڭ ئېقىشىغا بېقىپ مىللەتنىڭ ئىچىدىن ئويغىنىش مەيدانغا كېلىپ، ئىدىيە ۋە كۈچ بىرلىكىنى بەرپا قىلىش ئۈمىدىنىڭ يېڭىۋاشتىن جۇلالاۋاتقانلىقىنى سەزدى - دە، ئىنتايىن... Devamı
سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك Şubat 02, 2026 سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك تۈنۈگۈنكى پىدائىيلار ئېكرانى سۆھبەت پىروگراممىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن قىزىق نۇقتىلىق سۆھبەت ئېلان قىلىنىشى بىلەن مەزكۇر سىياسىي ئانسامبىلچىلىققا مەپتۇن تائىپە ھەققىدىكى تونۇشتا بىر قەدەر كونكرېتلىق ۋە ئىلگىرىلەش بارلىققا كەلدى، يىللاردىن يېزىلىپ كەلگەن ۋە يېزىلىۋاتقان ئوبزورلارنىڭ بىسەۋەب، بىھېكمەت ئەمەسلىكىمۇ روشەنلەشتى، دېيىشكە بولىدۇ. دەرۋەقە، يىللاردىن بېرى ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۈزەڭگىدىن چۈشمەسلىكنى خاراكتېرىغا ئايلاندۇرۇۋالغان مەزكۇر سىياسىي ئانسامبىلچىلارنىڭ مىللەتنىڭ سىياسىي پىرىنسىپلىرىغا، سىياسىي مەۋقەسىگە لايىقىدا ئىگە چىقالمىغاننى ئاز دەپ، ساڭا ۋە مىللىتىڭنىڭ سىياسىي تاللىشىغا قىلچىمۇ ھۆرمەت قىلمايدىغانلارنىڭ تۇتۇمىنى ساڭا ۋە مىللىتىڭگە لايىق كۆرۈۋاتقان، مۇستەملىكىچىنىڭ ئاتىغان ئاتىقىدا، سۆزلەيدىغان تىلىدا سېنى ۋە سەپداشلىرىڭنى مىللىتىڭنىڭ ۋەكىللىرى ساناپ ئانىي تاپسىمۇ، ھۆرمەتسىزلىك قىلسىمۇ بۇنى سەزمەي يۈرۈۋاتقان، سائەتلەپ ئېگىلىپ ئولتۇرۇپ شۇلارنىڭ تىلىدا سۆھبەت قىلىشنى راۋا كۆرگەن بۇ زېھنىيەتنىڭ بۇنداق بىر سىياسىي سەتچىلىكنى «مۇۋەپپەقى... Devamı
Yorumlar
Yorum Gönder