رۇبائىيلار (ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر)


1

مەجنۇنتال قەددىنى ئېگىپ مۇلايىم، 

سۇ بەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تازىم. 

سۈت بېرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدا، 

بۇرچىمىز قانچىلىك، ئويلايلى دائىم.


2

ھەرقانچە ئېگىزدە قۇش پەرۋاز قىلار، 

ئوزۇقى، ئۇۋىسى يەر ئۆزرە بولار. 

يەتتىنچى ئاسمانغا يەتسىمۇ بېشىڭ، 

پۇتلىرىڭ يەنە شۇ تۇپراقتا بولار.


3

تاھىرغا ئۆزىنىڭ زوھراسى ياخشى، 

مەجنۇنغا ھۈردىنمۇ لەيلاسى ياخشى. 

مېنىڭ بۇ سۆيگۈگە چاڭقاق دىلىمگە، 

ۋەتەن گۈلزارىنىڭ رەناسى ياخشى.


4

ئۆمۈر مەنزىلى ئاق قەغەزگە ئوخشار، 

ھەر باسقان قەدەمدىن بىر ئىزىڭ قالار، 

يا ماختان، يا ئۆكۈن، ئۆزەڭنىڭ ئىشى، 

ئەڭ ئادىل ھۆكۈمنى ئەل ئاڭا يازار.


5

ئالتۇن جام ئىچرە مەي قوزغاتسا ھەۋەس، 

گۈزەلنىڭ كۆزلىرى سېنى قىلسا مەس، 

كۈنۈڭ ئۆتسە ئالقىش - ماختاشلار ئارا، 

ئاگاھ بول، ھاياتنىڭ ئۆزى بۇ ئەمەس.


6

بىراۋلار ئەلگە قىلدى جېنىنى قۇربان، 

بىراۋلار تەر بىلەن گۈللەتتى بوستان.

ئالار قۇش تۈلكىنى ئۈنسىز - تاۋۇشسىز، 

قاقاقلار بىر تۇخۇم تۇغقانغا مىكيان.


7

ئەل غېمى - شادلىقى ئىلھامغا بۇلاق، 

ئۇنىڭسىز شېئىردا بولماس خۇش پۇراق. 

كۆر، ئالتۇن قاچىغا چىلانسىمۇ گۈل، 

سولىشىپ كېتەر تېز، بولمىغاچ تۇپراق.


8

ئەل ئۈچۈن يۈگۈرتسەڭ قەغەزدە قەلەم. 

تاغلارنىڭ بېشىغا تىكەرسەن ئەلەم. 

ۋە لېكىن سۇ قوشۇپ قويساڭ سىياغا، 

ئىزلىرىڭ تېز ئۆچۈپ، چېكەرسەن ئەلەم.


9

شۆھرەت كەمەرىگە ئۇزاتقىچە قول، 

ئوتۇنچى بوۋاينىڭ ئاغامچىسى بول. 

تاجدارلار تاجىنىڭ كۆزى بولغىچە، 

كۆكلەم يامغۇرىنىڭ بىر تامچىسى بول.


10

شېئىر يازماق ئاسان، ھەق سۆزلىمەك تەس، 

شائىرغا ھىرىس - تاما بولمىغاي ھەۋەس. 

يازغاننى قەدىرلە ئاۋۋال سەن ئۆزەڭ، 

سېتىپ خەجلىگىلى ئۇ تاۋار ئەمەس.


11

قەددىڭنى پۈكۈپ سەن قىلمىغۇنچە يا، 

ئاقمىسا تەرىڭدىن ۋە ياكى دەريا، 

ئىندەككە كەلمەيدۇ بىلىمنىڭ قۇشى، 

گەر بولسا قەلبىڭدە تېرىقچە رىيا.


12

ئۆتنە-يېرىم قىلماق تۇرمۇشتا بار ئىش، 

بىلىمنى ئۆتنىگە ئالماقلىق خار ئىش. 

بىراۋنىڭ تونىدا تەرلەيمەن دېيىش، 

ۋىجدانلىق كىشىگە بىر ئۆمۈر ئار ئىش. 


13

بىلمەكتىن مۇراد نام - شۆھرەت ئەمەستۇر، 

شۆھرەتكە ئىنتىلىش رەزىل ھەۋەستۇر.

بىلگەننى دان قىلىپ ئېتىزغا چاچساڭ، 

ھوسۇلى ئەلگە نەپ بولسا، شۇ بەستۇر.


14

بىرەر نادان ساڭا ئۆگەتسە دانىش، 

كۈلۈپ قويغىن ئاڭا، سەن قىلما كايىش. 

ئېشەكنىڭ بىمەھەل ھاڭراپ تاشلىشى، 

ئاتوم دەۋرىدىمۇ تۇرمۇشتا بار ئىش.


15

دۇئا قىلسا ھەرچاغ مۆمىن مۇسۇلمان، 

تىلەيدۇ دوزاختىن بولماقنى ئامان. 

ۋە لېكىن دوزاخنىڭ ئۆزى ئېيتارمىش: 

«مەن ئۆزەم قورقىمەن ناداندىن يامان.»


16

كۆپەيسە دۈشمىنىڭ، سەن بولما غەمناك، 

بېرۇر ئۇ ھەم ساڭا ئەقىل ۋە ئىدراك. 

ئەگەرچە چاقمىسا ئادەمنى يىلان، 

قەيەردىن تېپىلاتتى دورا - تەرياك.


17

ئۇنىكىم دوست دېمە، راھەتتە ئىناق، 

ئايرىلسا سېنىڭدىن غۇربەتتە بىراق.

سايەڭگە نەزەر سال تەپەككۇر بىلەن، 

يورۇقتا بىللەيۇ، زۇلمەتتە يىراق.


18

نېچۈن ئوتقا ئۇرار ئۆزىن پەرۋانە، 

نېچۈن شام ئاققۇزار كۆزدىن دۇردانە. 

نە بىلسۇن ھاياتنىڭ بۇ سىرلىرىنى، 

تۇرمۇشتىن چەتلەشكەن زاھىد مەستانە.


19

يالغانچىنىڭ تىلى چېچەكسىز پەلەك، 

چېچەكسىز پەلەكتە نە قىلسۇن خەمەك. 

ئۇزارغانسېرى ئۇ ئۆز ئىگىسىنى، 

بوغىدۇ يىلاندەك بولۇپ چەمبىرەك.


20

ئالتۇن ھەل يالاتساڭ كېسەكتۇر كېسەك، 

گەر ھالۋا بەرسەڭمۇ تېزەكلەر ئېشەك.

كۆرۈمسىز شۇ پىلە قۇرۇتىغا باق، 

يەپ ئاددىي يوپۇرماق، بېرىدۇ يىپەك.


21

جاراڭلىق ھەر سادا بولمايدۇ ناخشا، 

مۇھەببەت، نەپرەتسىز چىقمايدۇ ناخشا.

ئېشەكمۇ بەزىدە ھاڭرايدۇ قاتتىق، 

ئۇنى ئەل ھېچقاچان دېمەيدۇ ناخشا.


22

ئەجىبا بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دېگەن، 

ھەر تەندە ئۇ ھەر خىل ھېس قىلار ئىكەن.

ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابىن، 

ئىلغىدا ئېسىقلىق سېسىق گۆش ئىكەن.


23

ئۇنىكىم دوست دېمە غەيۋەتكە ماھىر، 

سېنى ھەم قويمىغاي بىر چەتتە ئاخىر. 

مىسالى چاياندۇر، ئۇنىڭ ئالدىدا 

قېرى - ياش ۋە بوۋاق، دانىش بەرىبىر.


24

بۈيۈك تاغنى تالقان قىلسىمۇ ئەگەر، 

ئۆزىگە تەمەننا قويماس يىگىت - ئەر. 

كۆر، پىلە قۇرۇتى چېغىدا ھەر ياز، 

پۈتتۈرگەچ غوزىنى، بىمىننەت ئۆلەر.


25

ياشلىق - ئۇ ئۆمۈرنىڭ تۇنجى باھارى، 

باھارغا باغلىقتۇر ھەر يىلنىڭ كارى. 

نېمە چاچسا يەرگە باھاردا دېھقان، 

شۇنىڭ بىرلە توشقاي كۈزدە باھارى.


26

كۆكلەم-باھار كەتسە، يېنىپ كەلگەن بار، 

جاندىن كەچسە جاناننى تېپىپ سۆيگەن بار. 

ئېيتىڭچۇ بىر كەتكەن ياشلىق كەينىدىن، 

قوغلىشىپ جاھاندا كىممۇ يەتكەن بار.


27

نەزەر سال يېقىلغان گۈلخانغا بىردەم، 

ئۇنىڭ خۇلقى - مىجەزى قانداق مۈكەررەم. 

يورۇتقاچ بىپايان چۆللەرنى، ئاندىن 

ياتار بىر دۆۋە كۈل بولۇپ ئۇ دىلجەم.


28

كۆڭۈل بوستانىغا جاھان سىغىدۇ، 

جاھان تۇرماق، ھەتتا ئاسمان سىغىدۇ. 

مۇبادا رەشك - ھەسەت قاپلىسا ئۇنى، 

تېرىقنىڭ قاسرىقىمۇ ئاران سىغىدۇ.


29

مېنى باغدىن ئەمەس، چۆلدىن ئىزدەڭلار، 

ۋە يا باغراش دېگەن كۆلدىن ئىزدەڭلار. 

ئۇنىڭدىن ياخشىسى، ئۇزۇن سەپەردە 

يېقىلغان گۈلخاندىكى كۈلدىن ئىزدەڭلار. 

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك