يەتتە ناخشا (شېئىر)

— بۇ شېئىرلار چەنيۈەن يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى تۇڭگۇ ناھىيەسىدە مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن چاغلىرىمدا يېزىلغان.


دۇفۇ


1

بىر مۇساپىرمەنكى، قويدۇم دەپ «زىمى» ئەدەبىي لەقەم،

پاخپىيىپ ئاق چاچلىرىم قۇلاققىچە چۈشتى شۇ دەم.

يېگىنىم مايمۇن كەبى ھەر كۈندە توشقان بۆرىكى،

تاغقا قىش كەلسە، زاۋال چۈشسە چۈشەر باشىمغا غەم.

نەخەۋەر يوق ئەھلى يۇرتتىن، نەكى يۇرتقا يولمۇ يوق،

پۇت – قولۇم قالدى قېتىپ سوقتا گويا ئۈزۈلدى دەم.

ۋادەرىخ، تۇنجى ناخشام تولدى چەكسىز مۇڭ بىلەن،

سوقتى شىۋىرغانمۇ دەردلىك مەن ئۈچۈن تارتىپ ئەلەم.

2

ئوتىغۇچ، ھەي ئوتىغۇچ سېپىڭ سېنىڭدۇر ئاق تېرەك،

بار تاۋاباتىم ئۈچۈن بىر سەن ئىدىڭ يارۇ يۆلەك.

تېخى بىخ ئۇرمايلا دانمۇ كەتتى تاغنى قار بېسىپ،

ئاشمىدى تىزدىن چاپان، ياپالمىدى ئەتنى ئېتەك.

سەن بىلەن قايتقاندا بوش قول مەن ئېتىزدىن ئۆي تامان،

ئاھۇ – زاردىن ئۆزگە ھېچ يوقتى ھاياتلىقتىن دېرەك.

ۋادەرىخ، ئىككىنچى ناخشام ياڭرىغاندا ئەمدىلا،

مەن ئۈچۈن قوشنام پىغان چەكتى، ئېزىلدى بۇ يۈرەك.

3

ئەي ئۇكام، جانىم ئۇكام مەندىن نېرى كەتتىڭ يىراق،

ئۈچىمىز تەڭلا قۇرۇپ قاقشال بولۇپ قالدۇق بىراق.

تىرىك ئايرىلدۇق پەلەك ھەر يانغا بىزنى تاشلىدى،

يول كېسىلدى جەڭ تۈپەيلى، ئۆرتىدى دىلنى پىراق.

تۇرنىلار ئۇچسا شەرققە چۈشسە شۇم قۇش كەينىگە،

ئۇشبۇ ھالەتتە يېنىڭغا مەن ئاسان بارايمۇ ساق؟

ۋادەرىخ، ئۈچىنچى ناخشام ئۈچ نۆۋەتلا تارتتى ئۇھ،

سەن كېلىپ نەدىن تاپارسەن ئۇستىخانىمنى بىراق؟

4

بار مېنىڭ سىڭلىممۇ جۇڭلى شەھىرىنى ماكانلىغان،

ئۆتتى كۈيۆسى جاھاندىن بالىلىرى قالدى نادان.

ئارىدا خۇەيخې تۇرادۇر تولغۇنۇپ ھەژدار كەبى،

ئۆتتى ئون يىل، بىلمىدىم، دىدارلىشارمىزكىن قاچان؟

كەلسىمۇ بارغۇم قېيىقتا ئوق كۆزىدىن قورقىمەن،

چۈنكى، جەنۇبنى تامام جەڭ بايرىقى زىچ قاپلىغان.

ۋادەرىخ، تۆتىنچى ناخشام ياڭرىغاندا ھەر تەرەپ،

تاڭدا – ئورمانلىقتا مايمۇن مەن ئۈچۈن چەكتى پىغان.

5

بۇندا تاغلار شامىلى كۆپ، سۈيى ئاقار ئالدىراپ،

توختىماس كۈز يامغۇرى قاقشال دەرەخنى قامچىلاپ.

كونا، قورايلىق شەھەرنى چۆگىلەپ كەتمەس بۇلۇت،

يۈرسە سېرىق تۈلكە ئۆرە، ئېقى يۈرەر قاتىراپ.

نە ئۈچۈن قالغاندىمەن بۇ كەمبەغەل سايدا تۇرۇپ،

كېتىمەن تۈندە تۇرۇپ ئويلاپ بۇنى ئۇيقۇسىراپ.

ۋادەرىخ، بەشىنچى ناخشام ئېيتسام – ئېيتسام تۈگىمەس،

بەلكى ئۆلگەندە كېتەرىم بار چېغى يۇرتقا قاراپ.

6

ئا – تۆۋەن تاغ باغرىدا – كۆلچەكتە ھەژدار تۇرغىدەك،

ھەم ئېلىپ قوينىغا كۆلنى بۈك – باراقسان تال – تېرەك.

كى خازان پەسلىدە ھەژدار ئۇيقۇغا كەتكەن كۈنى،

كەلدى مەشرىقتىن ئۈزۈپ بىر ئوق يىلان ئىزلەپ كېزەك.

مەن ئۇنى چاپماق ئىدىمۇ، بەس، دېدىم ئۆزۈمگە ھەم،

سۇغۇرۇپ ئېلىپ قىلىچنى غەزىپىم كەلگەچكە بەك.

ۋادەرىخ، ئالتىنچى ناخشام قالدى خىيال ئىلكىدە،

ماڭا كۆلچەك بەرسە دەيمەن نەۋ باھاردىن ئىز – دېرەك!

7

ئاھ ئىسىت، يىگىتلىكىمگە، بىۋاقىت قالدىم قېرىپ،

كەزدىم ئۈچ يىل تاغ – جەزىرە قوينىنى ھېرىپ – ئېچىپ.

بەگلىرى ئاستانە – چاڭئەنلىك، كۆپى بولغاچ نادان،

بەلكى بەرىكەت ئالدى ھەرىكەت ئىكەنىن كەتمەس بىلىپ.

ئۇچرىشىپ قالدىم بۇ تاغدا بىر قەدىناس موللىغا،

ئاھۇ – ھەسرەتتە ئۇزاتتۇق تۈننى تالاي سىردىشىپ.

ۋادەرىخ، يەتتىنچى ناخشام تۈگىدى جىم – جىمغىنا،

قارىسام سولغۇن چىراي كۈن بارىدۇ تېز – تېز پېتىپ.


ئابدۇكېرىم خوجا تەرجىمىسى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك