يۈرەك سۆزى (شېئىر)

دۇفۇ


شەھىرى تۇڭگۇەنمۇ كېتىپ قولدىن تامام،

كەلمىدى ئۆيدىن ئۇچۇر تالاي زامان.

ياز كېلىپ باسقاندا يارنى ئوت – گىياھ،

يول ئېلىپ قاچتىم بەدەر مەغرىب تامان.

پۇتتا كەندىر كەش، ئۇچام جۇل – جۇل ئىدى،

قىلدى قوبۇل مېنى شۇ تۇرقۇمدا خان.

ئوردا ھەم دوستلار ئېچىندى ماڭا بەك،

كەپتۇ دەپ گۆر ئاغزىدىن ئېسەن – ئامان.

ئىلتىپات قىلغاندا ماڭا مەرتىۋە،

ئاقتى كۆز يېشىم تاراملاپ شۇ زامان.

كەلدى بارغۇم زەپمۇ يۇرتۇمغا مېنىڭ،

يوق، بىراق تىل شۇ ئويۇمنى دەيدىغان؛

نامە ئەۋەتىپ سورايمۇ دەپ ئىدىم،

بارمىدۇ ئۆي، يوقمىدۇ ماڭا گۇمان.

ئاڭلىسام، يۇرتۇمدا يېغى بوپتۇدەك،

تا توخۇدىن ئىتقىچە قىرىلىپتۇ جان.

ئاندا ئۆيۋاقىم تامام بولسا خاراب،

چىقىدۇ دەمسەن كىشى قارايدىغان.

ئىگىسىز ياتقاندۇ جەسەتلەر سېسىپ،

بەلكى قارىغاي تۈۋىنى ئەيلەپ ماكان.

جەد - جەمەتنىڭ قانچىسى باردۇر ھايات،

تەلتۆكۈس كەتكەنمىدۇ بولۇپ خازان؟

ھاڭ – چوققا كۆرۈندى يولۋاستەك گويا،

باققىنىمدا ئەنسىرەپ يۇرتۇم سايان.

نامە ئالغانچە تېخى ئۆتكەن يىلى،

ئۆتتى ئون ئاي مانا شۇ كۈندىن بۇيان؛

كۈتىمەن ئۆيدىن خەۋەرۇ، قورقىمەن،

نە ئۈچۈندۇر يۈرىكىم سىماپسىمان.

گۈللىنىشكە بۇ دىيار يۈزلەنسىمۇ،

تاشلىماي كەلدىم ئىچىپ مەينى ھامان؛

چۈنكى، خوۋلۇق – خورلۇقۇمنى ئويلىسام،

باسىدۇ يالغۇز بېشىمنى دەرت – پىغان. 


ئابدۇكېرىم خوجا تەرجىمىسى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك