ساڭا ئاتاپ شېئىر يازدىم كېچىدە (شېئىر)
ئايتۇغ
تۈن نىسپىدە كەتتى بارچە ئۇيقۇغا،
كەلدى مىنىڭ يىنىك تىنىش پۇرسىتىم.
قوزغالدى ھەم بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا،
سېنى كۈيلەپ شېئىر يىزىش ئىستىكىم.
شوخ كىيىكتەك تېپچەكلىگەن يۈرۈكۈم،
ئويناپ كەتتى ئاپئاق قەغەز ئۈستىدە.
بىلگەنسەنمۇ ئۇندا تۇرۇپ نىگارىم،
ساڭا ئاتاپ شېئىر يازدىم كېچىدە.
سۈيۈندۈرەر ئەتراپتىكى جىمجىتلىق،
ھوجراممۇ ھەم كەڭرى شۇدەم ئالەمدەك.
كۆك سىياھلار قۇرلار تۈزۈپ چاپقاندا،
يورۇپ كەتتى دىلىممۇ ھەم خانەمدەك.
شۇ تاپتىكى ئەڭ سەمىمى ھىسىمدا،
پۈتەر مىسرا،بەلكىم ئۇزۇن بىر داستان.
ئېتىپ تاڭلار ئەتە قۇياش چىققاندا،
يەپ كىتىدۇ ئۇنى تەكرار كۆك ئاسمان...
2011.2.7
Yorumlar
Yorum Gönder