توقايدىكى گۈلخان (شېئىر)

 ئايتۇغ


قوللىرىمنى تۇتقان ئىدىڭ تۇنجى رەت،

توقايلىققا ياققان گۈلخان يېنىدا.

بەكمۇ كىچىك ساددا رايىش قىز ئىدىم،

قىزىرىشمۇ تۆرەلمىگەن ئېڭىدا.   


-نىمانچىلا توڭۇپ كەتتى قوللىرىڭ؟

دەپ سىلىساڭ مىھرىڭ بىلەن ئاۋايلاپ.

خۇيلىرىمنىڭ پىلتىسىگە ئوت يېقىپ،

كەتكەن ئىدىم تەمىچىمنى قولتۇقلاپ.   


غايىۋانە قايىل ئىدىم ئەقلىڭگە،

يىتەر ئىدىم بىر كۆرمىسەم قەدرىڭگە.

چايقىلىمەن تاش ئېتىلغان كۆلچەكتەك،

سىڭمەك بولۇپ غۇبارسىز پاك قەلبىڭگە.   


شۇ بىر قېتىم مېھىر بىلەن سىلاشتىن،

باغلىنىپتۇ بىلسەڭ بىزنىڭ سۆيگۈمىز .

شۇندىن بېرى بېرىپ قالساق توقايغا،

كەچ ياناتتۇق يېتەكلىشىپ ئۆيگە بىز.   


گۈزەل سەھرا بىزنى قوشتى قاتارغا،

بىز ئوخشايتتۇق خۇددى كۈلگۈن باھارغا.

بۇرۇتلىرىڭ خەتكۈچ بولۇپ قەلبىمگە،

تەمشىلەتتى ئىزگۈ بىر كۈي يازارغا..   


يازغىنىڭدا تۇنجى خەتنى لىۋىمگە،

مەن ئوخشىغان ئەسلىدىكى ئۆزۈمگە.

سەۋدالىقى مۇھەببەتنىڭ سۆيگەندە،

گۈل كۆرۈنگەن ئىدى ھايات كۆزۈمگە.


سېنىڭ ئۈچۈن شېرىن چۈشلەر كۆرەتتىم،

تاتلىق-تاتلىق خىياللارنى سۈرەتتىم.

يەتكۈزگەندە سەندىن خەۋەر بىرلىرى،

زۈلەيخادەك بارلىقىمنى بېرەتتىم.،


مۇڭلۇققىنە قارىشىڭنى خىيال قىپ.

تەسەۋۇرسىز شىرىن ھىستا كۈلەتتىم.

كېچىلىرى يۇلتۇز بىلەن سىردىشىپ،

ھىسلىرىمنى نۇر-زىياغا كۆمەتتىم..


تاسادىبىي ئۇچراشقاندا نىگاھلار،

ئوق ياغاتتى قاراقلاردىن ئۈزۈلۈپ.

كىرپىكلەرنىڭ گىرەسىدىن چېھرىمىز،

كېتەر ئىدى كۆك ئاسماندەك سۈزۈلۈپ..


ئېھ،توقايلىق سەندە يانغان گۈلخاننىڭ،

تەپتى قويغان مەندە سۆيگۈ كۈلدۈرۈپ.

قوللىرىمنى سىلىغان شۇ نۆۋەرنىڭ،

ئولتۇرىمەن يوللىرىغا تەلمۈرۈپ.


2011.4.12

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك