ئۆزۈمدىن باشلانغان ئويلار (ئەدەبىي خاتىرە)
زۆھرەگۈل ھامۇت
تۈنۈگۈننىڭ ئۆتمۈشكە، بۈگۈننىڭ ھازىرغا، ئەتىنىڭ كەلگۈسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئوبدان بىلىمەن. بىر مىنۇتنىڭ ئۆتۈشى ئۆلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشقانلىقتىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ماڭا ئايان. ھەتتا بۈگۈننى قەدىرلەپ، بۈگۈننىڭ پېشىگە چىڭ ئېسىلساقلا ئەتىمىزنىڭ پارلاق بولىدىغانلىقىغا چەكسىز ئىشىنىمەن. مەن يېزىقچىلىققا ئۆسمۈرلۈك چېغىمدىن باشلاپلا چەكسىز ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇم ئۆمەر سالام، تۇرسۇنگۈل خانىم، ۋاھاب قادىر قاتارلىقلار تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدىلا يېزىقچىلىقتا يوشۇرۇن ئىقتىدارىمنىڭ بارلىقىنى، ئىزچىل تىرىشساملا، كەلگۈسىدە چوقۇم مىللىتىمىز ئىچىدىكى داڭلىق تۆھپىكار ئايال يازغۇچى بولۇپ چىقالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ مېنى توختاۋسىز رەۋىشتە ئىلھاملاندۇراتتى. چۈنكى مېنىڭ ھەرقايسى پەنلەردىكى نەتىجىلىرىم ئەلا بولۇپلا قالماي، ئەدەبىيات دەرسىدە يېزىقچىلىق تاپشۇرۇقلىرىنى ھەرخىل ژانىرلاردا يېزىلغان ئەسەرلەر بىلەن تولدۇراتتىم-دە، ئوقۇتقۇچۇمغا كۆرسىتەتتىم. ئۇ ئەستايىدىللىق بىلەن كۆرۈپ چىقىپ ئەسەرلىرىمدىكى ئارتۇقچىلىق ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، يازمىلىرىمنى ھەرقايسى پاراللېل سىنىپلاردىكى ساۋاقداشلارغا ئوقۇپ بېرىپ ئۇلارنىمۇ ماڭا ئوخشاش تىرىشىشقا ئۈندەيتتى. 1990-يىلنىڭ مەلۇم بىر كۈنى مەن ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشاللىنارلىق بىر ئىش بولدى؛ يەنى مەكتەپ مەيدانىدا چوڭ يىغىن ئېچىلىپ، مېنىڭ «ئانا مېنى كەچۈرەمسىز؟» ناملىق ھېكايەم ناھىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاش مۇسابىقىسىدە «ھېكايە پادىشاھى» بولۇپ باھالانغانلىقى، مەكتىپىمىزدىكى مەلۇم ياخشى پائالىيەتلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ماقالەم ناھىيە بويىچە ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى، ھەرقايسى پەنلەردە مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىم ئېلان قىلىنىپ، ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ قېتىم سەھنىگە چىقىپ مۇكاپاتلانغان ئىدىم. مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرى يېتىشتۈرگەن نوتا ئىچىدىن باراقسانلاپ چىققان مەندەك بىر شاگىرتىنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلەنسە، سىنىپداش ۋە مەكتەپداشلارنىڭ جۈپ كۆزلىرى ماڭا ھۆرمەت ھېسسىياتىدا تىكىلگەن ئىدى. ئارىدىن بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندە، ئوقۇتقۇچۇم ئۆمەر سالام «ئۇلارنىڭ ئائىلىسى» سەرلەۋھىلىك ھېكايەمنىڭ «شايار ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغانلىقىنى ماڭا خەۋەر قىلغاچ كىتابنى قولۇمغا تۇتقۇزدى. تېزرەك كۆرۈشكە بولغان تەقەززالىق ھەم ھاياجانلىق ھېسسىياتىم كۈۋەجەپ، كىتاب تۇتقان قوللىرىم بىلىنەرلىك تىترەيتتى. ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇم ئۆمەر سالام، تۇرسۇنگۈل خانىم، ۋاھاب قادىر دەل مېنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىش ۋە ئارزۇ-ئىستىكىمنىڭ بىخ ھالىتىدىن ئۆزلۈكسىز يىلتىز تارتىپ، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە يېتىشىگە بىردىنبىر ئاساس سالغان ئۇستازلىرىمدۇر. چۈنكى ئۇلار ھەقىقىي كۆيۈمچان ۋە تەلەپكار باغۋەن ئىدى. ئۆز كۆچىتىنىڭ ئۆزلۈكسىز رەۋىشتە يېزىپ چىققان ئەسەرلىرىنى تۇنجى بولۇپ ئوقۇپ چىققان ئوقۇرمەن، ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئاشۇ ئەسەرنىڭ روياپقا چىقىشىغا تۈرتكە بولغان، ئاشۇ شاگىرتىنىڭ نۇرلۇق دىلىغا ئىلھام ئۈنچىلىرىنى سېخىيلىق بىلەن چېچىپ، ئەدەبىيات ئاتلىق تۇلپارغا مىنگەشتۈرگەن ھەقىقىي چەۋاندازلار ئىدى.
كۈنلەر شۇ تەرىقىدە بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى قوغلىشىپ ئۆتۈپ، ئالىي بىلىم يۇرتى مېنى ئۆزىنىڭ ئىللىق قوينىغا چاقىردى. مەن گەرچە ئالىي مەكتەپتە ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇمىغان بولساممۇ، ئەدەبىياتقا بولغان ئوتلۇق مۇھەببەت مېنى ھامان ئۆزلۈكسىز تىرىشىشقا، ئىزدىنىشكە ئۈندەيتتى. ئەتراپىمدىكى گۈزەللىكلەردىن قانماي بەھىر ئېلىش بىلەن بىرگە، ئاشۇ گۈزەللىكلەر قەلىمىم ئارقىلىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپاتتى. ئىلھام بۈركۈتلىرى پەرۋاز قىلىپ قانات قاققىنىدا بەيگىگە تەييارلىنىۋاتقان تۇلپاردەك چاپچىپ تۇرغان ھېسسىياتىم ئاپئاق دەپتەر بەتلىرى ئۈستىدە ئەركىن يايلىغان ئىدى. مەن ئەنە شۇ چاغلاردا ئۆزۈمنى گويا بىپايان سامادىكى ئەركىن قۇشتەك، كۆپكۆك دېڭىز سۇلىرىدا شۇڭغۇپ ئويناپ تىنمايۋاتقان مارجان بېلىقتەك سېزەتتىم. مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىمنى قايتا-قايتا ئوقۇپ ھاياجانغا تولاتتىم. كېچىلىرى ئىلھام پەرىشتىلىرىنىڭ قوللىرىمدىن تۇتۇپ يېتىلىشى بىلەن ئۇيقۇنى تەرك ئېتىپ، كۆزلىرىمنىڭ تورلىشىپ، مېڭەمنىڭ تورمۇزلىنىپ، گەجگەمنىڭ تېلىپ، قورساقلىرىمنىڭ ئېچىپ بىئارام قىلىشىغا، ھەتتا قەلەمنىڭ قاتتىق بەللىرىنىڭ قوللىرىمنى قاپارتىۋېتىشىگە قەتئىي بەرداشلىق بېرىپ يېزىپ كەتكەن چاغلىرىممۇ بولغان. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ماڭا ئۆزىنىڭ كەڭ، ئىللىق باغرىدىن ئورۇن بەرگىنى دەل «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى بولدى. مەزكۇر ژۇرنال مەزمۇنىنىڭ مول ۋە رەڭدارلىقى بىلەن گويا كۆكتە چاقناپ يېنىۋاتقان نۇرلۇق يۇلتۇزغا ئوخشاش، قاراڭغۇ دىللارنى يورۇتقۇچى ماياكلىق رولىنى ئويناپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان «ئانا» ژۇرنىلىغا، قەلب دۇنياسى ئالەمشۇمۇل ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىش يولىدا ئىزدىنىشكە تولغان مېھنەتكەش ئىجادكارلىرىمىزغا كەتكۈزۈلمەس كەڭ چېنىقىش مەيدانىغا ئايلاندى. جۈملىدىن مەنمۇ «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ قولۇمدىن تۇتۇپ يېتەكلىشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشى ئاستىدا نۇرغۇنلىغان ئەسەرلىرىمنى مۇشۇ ژۇرنالدا روياپقا چىقىرىش بىلەن بىرگە، 2003-يىلى ئاقسۇ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىندىم. «تەڭرىتاغ»، «شىنجاڭ سەنئىتى»، «شىنجاڭ گېزىتى»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «ئاقسۇ گېزىتى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللارمۇ ئارقا-ئارقىدىن ماڭا ئۆزىنىڭ ئىللىق باغرىدىن ئورۇن بېرىشكە باشلىدى.
2005-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى مەرىپەتپەرۋەر ساخاۋەتچى ئەخمەتجان ئابلا نامىدىكى «تارىم باھارى» ئەدەبىيات مۇكاپاتى بىلەن ئاقسۇ دىيارىدىكى ئاياللارنىڭ سەركىسى بولغان گۈلئايىم ئېزىز خانىم نامىدىكى «دەۋران» ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مۇراسىمدا مېنىڭ مەزكۇر ژۇرنالنىڭ 2004-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان «بەربات بولغان چۈش» تېمىسىدىكى ھېكايەم «تارىم باھارى» ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نائىل بولۇپ مۇكاپاتلانغان ئىدى. يىغىندىن كېيىن «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئابدۇرېشىت بارات ئويغاق ۋە گۈلئايىم ئېزىز خانىمنىڭ يېتەكلىشىدە ئايال ئاپتورلار ئاقسۇ ۋىلايەتلىك بوغدا دوختۇرخانىسىنىڭ ئىچىنى بىر قۇر زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، يىغىن زالىغا كىرىپ ئولتۇردۇق. باش مۇھەررىر ئابدۇرېشىت بارات ئويغاق ئايال ئاپتورلارغا بىرنەچچە تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، نېمىنى يېزىش، قانداق يېزىش، نۆۋەتتە مەيدانغا كېلىۋاتقان ئەسەرلەردىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ئوبرازى قانداق يارىتىلىشى كېرەك؟ دېگەندەك مەسىلىلەر ئۈستىدە جانلىق ۋە ئەتراپلىق پىكىر بايان قىلدى. ئاخىرىدا مېنىڭ ئۆز تالانتىمنى جارى قىلدۇرۇش سورۇنى ھازىرلاپ بەرگەن «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىغا تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى ئەۋەتىشىمنى ئۈمىد قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىمگە ياخشى تىلەكلەر تەلەپپۇز قىلىندى. ئەتراپىمدىكى يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ ماڭا ھۆرمەت ھېسسىياتىدا تىكىلگەن جۈپ كۆزلىرىنى كۆرگىنىمدە، زىممەمدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى ئاللىقاچان ھېس قىلىپ ئۈلگۈرگەن ئىدىم. مىللىتىمىز بېكىنمە ھالەتتىكى يېزىش ئۇسۇلىدىن ھالقىپ چىقىپ، تېما نامراتلىقى ۋە مەزمۇن جەھەتتىكى ئاددىيلىقتىن سىيۇژېت قۇرۇلمىلىرى كۆپ قاتلامدىن تەركىب تاپقان، مول مەزمۇنلۇق نادىر ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈشى، چەت ئەل ئەدەبىياتى ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئەدەبىياتىدىكى ئارتۇقچىلىقلاردىن ئۆرنەك ئېلىپ، مىللىي ئەدەبىياتنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن مەندىن باشلاپ بارلىق ئەلسۆيەر قەلەمكەشلەر ئەدەبىيات ئاتلىق ئەڭگۈشتەرنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇشى كېرەك. مەن ئاشۇ مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدىن كېيىن ئۆزۈمگە تېخىمۇ كۈچلۈك تەلەپ قويۇپ، ھەپتىلىك، ئايلىق خىزمەت پىلانى تۈزۈپ چىقتىم. ھەر كۈنى كەم دېگەندە ئىككى سائەتنى يېزىقچىلىققا ئاجرىتىش، كۆپ كىتاب كۆرۈش، كۆپ يېزىش، ھېچبولمىغاندا كىرىش سۆزى باشلاپ قويۇلغان مەلۇم ئەسىرىمنىڭ مەلۇم بۆلىكىنى مەلۇم كۈنگىچە يېزىپ پۈتتۈرۈشكە بەل باغلىدىم. ئەنە شۇنداق ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويۇش نەتىجىسىدە ئەجرىم مېۋە بېرىپ، «قىيامەت» ناملىق ھېكايەم ۋۇجۇدقا كەلدى. شۇ قاتاردا بىرنەچچە پارچە نەسر ۋە ھېكايە يېزىپ چىقىلدى. شۇ چاغدىكى ھېسسىياتىمدا ئەڭ يۈكسەك ئورۇندا تۇرىدىغىنى — ۋاقىتنى بوش ئۆتكۈزمەسلىك، بۈگۈننى چىڭ تۇتۇش، ھېرىپ-چارچاشقا، جاپا-مۇشەققەتكە باش ئەگمەي توختىماي ئىزدىنىش، ئىزدىنىش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش، باشقىلار بايقاپ ئۈلگۈرەلمىگەن يېڭىلىقلار ئارقىلىق زامانىمىز ئەدەبىياتىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش، بۇ ئارقىلىق ئۆز مەنىۋىيىتىمىزدىكى گاھ كۈچىيىپ، گاھ ئاجىزلاپ بېرىۋاتقان روھىي نامراتلىققا زەربە بېرىپ، ئۆزگىرىشچان روھىي دۇنيامنى ئالەمنىڭ گۈزەللىكىگە، تالانتىمنىڭ يېڭىلمەس قۇدرىتىگە جەلپ قىلىپ، ئۆمۈر مەنزىلىمنى ئىجادىيەت بوستانىدا ساياھەت قىلدۇرۇپ، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ئىجادىي مېھنىتىم ئارقىلىق ئۆچمەس ئابىدە تىكلەپ، بۇ دۇنيادىن ئارمانسىز كېتىش ئىدى. ئەپسۇس، مېنى تۇرمۇش زەنجىرى كىشەنلەپ، تۈگىمەس ئائىلە ئىشلىرى، خىزمەتتىكى ئالدىراشلىق، مۇھىمى مەندىكى ھورۇنلۇق ئىجادىيەت قۇشۇمنىڭ پەر-قاناتلىرىنى باغلاپ، بوشاڭلىق، ئىرادىسىزلىك، بەل قويۇۋېتىش پىسخىكىسى ماڭا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلىپ يۈرىكىمنى قاراڭغۇلۇققا ئەسىر قىلدى. يېرىم يىلدىن بۇيان قەلب ئەينىكىم گويا قاغجىرىغان دەرەخ، سۇسىز ئۆستەڭدەك بولۇپ، قولۇمدىكى قەلەم يۈرەك سوقۇشۇمنى ئىپادىلەپ بېرەلمىدى. ئېيتماقچىمەنكى، مېنىڭ قەلب دۇنيام قۇپقۇرۇق بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى. نە قىزىقىش، نە ئارزۇ-ئىستەك، نە قىن-قىنىغا پاتماي پاتمانلاپ كېلىۋاتقان ئىلھام بۈركۈتلىرى مەندە يوق. مېنىڭ زادىلا بۇنداق بولۇپ قالغۇم يوق ئىدى، زادىلا!...
كۈندىلىك خاتىرەمنى نىشانسىز ۋاراقلاشقا باشلىدىم:
«دەپتەرنىڭ بەتلىرى ئاپئاق قالغىلى ئۈچ ئاي كەم بىر يىل بوپتۇ. دېمەك، مېنىڭ توققۇز ئاي ۋاقتىم بىكارغا كەتتى دېگەن سۆز. مەن بەكلا زىيان تارتىپتىمەن. بۇ توققۇز ئاي ئىچىدە مەن ۋاقىتنى چىڭ تۇتالىغان بولسام، ئارزۇ-ئۈمىدلىرىم پورەكلەپ ئېچىلىپ، ئاشۇ ھورۇنلۇق زەنجىرىدە كىشەنلەنگەن قوللىرىمدىن بىباھا ئەسەرلەر تۆكۈلۈشى مۇمكىن ئىدى. ئائىلىدە بىر مېھرىبان ئانا، ئىدارىدە لاياقەتلىك كادىر بولدۇم، بىراق لاياقەتلىك يازغۇچى بولالمىدىم. قەلب دۇنيام سۇسىز چۆلدەك قاغجىراپ كەتتى، مەن ئەدەبىياتنىڭ يېڭىلىقلىرى ئۈستىدە ئىزدەنمىدىم. مەندىكى قانائەتچانلىق خاراكتېرىمنى ئۆزگەرتىۋەتتى. بۈيۈك ئارزۇلىرىم ئارزۇ پېتىچە قېلىۋەردى. بىر يىل ئىچىدە قايسىدۇر بىر ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان بىر-ئىككى پارچە ئەسەرلىرىم بىلەن كۆڭلۈم ئەمىن تېپىپ كەلدى. ئەسلىدە ئىشلار بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى. نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشىم، ئىجادىيەت مېۋىلىرىمنى خەلققە تەقدىم ئېتىشىم ۋە خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن يازغۇچى بولۇشۇم كېرەك ئىدى، مانا بۇ مېنىڭ ھاياتلىقتىكى بىردىنبىر ئارزۇيۇم ئىدى. ئۆز-ئۆزۈمگە بۈگۈننى چىڭ تۇتۇش ھەققىدە نۇرغۇن ئەھدىلەرنى قىلغان ئىدىم، نۇرغۇنلىغان ”بۈگۈن“لەر مەندەك ”مەرد، سېخىي“ بەندىنىڭ قولىدىن ئاسانلا قېچىپ چىقىپ، تىرىشچانلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. بۇ مىللىتىمىزنىڭ ئايال يازغۇچىلىرى ئومۇميۈزلۈك دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالمىدۇ؟ بۇنى مىللىتىمىز ئايال يازغۇچىلىرى ئومۇميۈزلۈك دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق دېسەك، ئۇ ھالدا تۆھپىكار يازغۇچى ئايشەم ئەخمەت، تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن، خالىدە ئىسرائىل، غەلىبە مۇھەممەت، ۋىلايىتىمىز ئىچىدىن چىققان داڭلىق ئايال يازغۇچى باھارگۈل ساۋۇت...لار يۇقىرىقىدەك قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزمىگەنمىدۇ؟ ياق! ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! ئۇنداقتا ئۇلار بۇ قىيىنچىلىقلارغا قانداق بەرداشلىق بېرىپ، بۈگۈنكىدەك ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان داڭلىق ئايال يازغۇچى، مىللىتىمىز ئايال يازغۇچىلىرىنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولالىغاندۇ؟... 2008-يىل 4-ئاي»
روھىي دۇنيام ئۆز-ئۆزۈمگە ھەرخىل چۇقانلارنى سالماقتا ئىدى. ئاخىرى قەلب مەئىشىتىمنىڭ ئوپېراتسىيە پىچىقى بولمىش قەلەمدىن ئىبارەت دىلكەش دوستۇمغا تېۋىنىپ، ئۆزۈمنى ئوپېراتسىيە قىلىپ چىقتىم. ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇم ئەينى چاغدا دەرس ئارىلىقىدا: «ھەر كۈنى ئۆزۈڭلارغا ”مەن كىم؟“ دېگەن سوئالنى قويۇپ تۇرۇڭلار، شۇنداق قىلغاندىلا ئادەم ئۆزىنىڭ ئەيىب-نوقسانلىرىنى ۋاقتىدا بايقاپ، باشقىلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيىتىنى، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئادىمىيلىكىنى يوقىتىپ قويۇشتىن ساقلىنالايدۇ» دېگەن ئىدى. قارىغاندا مەن ئۆزۈمگە «مەن كىم؟» دېگەن سوئالنى قويۇپ تۇرۇشنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتسام كېرەك. يۈزۈم گويا قۇرغاقلىشىپ كەتكەن ئەتنى سوپۇنلاپ يۇيۇۋەتكەندە ھەم ئېچىشىپ ھەم تارتىشىپ كەتكەنگە ئوخشاش خىجىللىق ئىلكىدە چىمىلدىماقتا. بۇ چىمىلداش بىر يازغۇچىنىڭ ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۈيۈك مەنزىلگە يېتىش يولىدا ھاردۇق يېتىپ قوشقۇنغا ئولتۇرۇۋالغانلىقىدىن بولغان خىجىللىق تۇيغۇسى بولماستىن، بەلكى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ بولالمىغانلىقتىن بولغان، بىر قېتىملىق ئۆز-ئۆزۈمنى تەكشۈرۈپ چىققان كۆڭۈل ئىزھارىم ئىدى. يۈرىكىمدە بىر پارچە ئوت ئەدەبىيات ئۈچۈن ھېلىمۇ لاۋا بولۇپ يانماقتا. مەن شۇنداق خۇلاسىگە كەلدىمكى، بىز ئاياللار تۇرمۇش ۋە خىزمەتتىكى تۈرلۈك بېسىملارغا باش ئەگمەي، قىيىنچىلىق ئالدىدا گويا توغراق دەرىخىدەك مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇرالىساقلا، قىيىنچىلىق جەزمەن بىزگە تەسلىم بولىدىكەن. ئەكسىچە ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىكەنمىز، ۋاقىتتىن ئىبارەت دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك بايلىق بىزدىن يىرگىنىپ، چۈشكۈنلۈك، ئۈمىدسىزلىك چۆلىگە گەجگىمىزدىن تۇتۇپ چۆرۈپ تاشلايدىكەن. ئاخىرىدا قانداقلارچە يېشىمىزنىڭ بىر يەرگە بېرىپ قالغىنىنى تۇيمايلا قالىدىكەنمىز، قولدىن بېرىپ قويغان ۋاقىتنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن پۈكۈلگەن قەددىمىزنى كۆتۈرمەك بولغاندا، تۈرلۈك كېسەل چىرمىۋالغان ئېغىر جىسمىمىز ئارتۇق جاپا-مۇشەققەتكە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ-دە، يېڭىلگىنىمىزگە تەن بەرمەي ئامالىمىز يوق. «ئاخىرقى پۇشايمان ئۆزگە دۈشمەن» دەپ بىكار ئېيتمىغان كونىلار. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، يەنىلا ئۆزۈمدىن باشلاپ بارلىق قەلەمكەش دوستلارغا ئېيتار يۈرەك سۆزۈم شۇكى، قايناق تۇرمۇش ئىچىدىن تىپىك بەدىئىي ئوبرازلارنى يارىتىش ئارقىلىق، ئوقۇرمەنلەرنى ئۈمىدۋارلىق بىلەن تولغان يېڭىچە ھايات يولىغا يېتەكلىسەك، مىڭبىر جاپادا روياپقا چىقارغان ئەمگەك مېۋىلىرىمىزدىن كەڭ خەلق تېگىشلىك نەپ ئالالايدۇ. ئازغۇن تىكەنلەرنى يۇلۇپ تاشلاپ، كەڭ كەتكەن ئىجادىيەت يولىمىزغا دەستە-دەستە ئەتىرگۈللەرنى تېرىپ، خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئالغان يازغۇچى بولۇش بەسى مۈشكۈل. بىراق، بۇ خۇش پۇراق گۈلزارلىقنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى يەنىلا ئۆز قولىمىزدا.
مەنبە: «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى، 2010-يىللىق 1-سان
Yorumlar
Yorum Gönder