تۇنۇشمايلى قايتىدىن ئەبەت (شېئىر)

ئايتۇغ


كۆز ئالدىمدىن ئۈتۈپ كەتتىڭغۇ،

ئاھ!ئەزەلدىن تۇنۇشمىغاندەك.

سوغۇق نەزەر سېلىپ كەتتىڭغۇ،

بىرچاغلاردا سۈيۈشمىگەندەك.   


ۋەدىلەرنى ئۇنتۇپ كەتتىڭمۇ،

مەڭگۈلۈككە بېرىشمىگەندەك.

بەختىمىزنى تەرك ئەتتىڭمۇ،

تۆت قۇلاقلار تېرىشمىگەندەك.   


ئاقار سۇدەك ئېقىپ كەتتىڭمۇ،

كۆلچەكلەرنى تولدۇرماستىنلا.

يۈرىكىمنى ئېلىپ كەتتىڭمۇ،

ئېيتە ماڭا تۇيدۇرماستىنلا؟.   


مەيلى كەتكىن ھەممىنى ئۇنتۇپ،

قايتۇرۇپ بەر يۈرەكنى پەقەت.

كەچمىشلەرنى نەپرەتتىن يۇيۇپ،

تۇنۇشمايلى ئەبەدىل-ئەبەت! 

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك