قىش ئاخشىمى (شېئىر)
ئا. س . پۇشكىن
بوران، قارلىق قۇيۇن ئاسماننى
تۇمان كەبى قاپلايدۇ پۈتۈن.
دەم ھايۋاندەك ھۆركىرەپ ئۆتەر.
دەم بوۋاقتەك يىغلاڭغۇ بىر ئۈن.
دەم گۈركىرەپ كونا ئۆگزىدىن،
شاراقشىتىپ تارتىدۇ پاخال.
دەم كەچ قالغان يولۇچى كەبى
دېرىزىنى قاقىدۇ دەرھال.
كىچىككىنە كونا ئۆيىمىز،
ھەم زۇلمەتتە ھەم سوغۇق، غەمكىن،
دېرىزىنىڭ ئالدىدا مۇما،
تۇرۇپسەنغۇ ئۈنسىز ۋە تەمكىن؟
چارچىتىشى تىنماس بوراننىڭ،
كەلتۈردىمۇ سېنى بۇ ھالغا؟
غىچىلدىشى ياكى چاقىنىڭ
سېلىپ قويدى سېنى خىيالغا؟
كەل ئىچەيلى قەدىردان مۇما،
ياشلىقىمنىڭ دوستى پاناھى.
قەدەھ قېنى ئىچەيلى بىللە،
تاراپ كەتسۇن يۈرەكنىڭ ئاھى.
كۈيلەپ بەرگىن ماڭا تاغ قۇشى،
ياشار قانداق دېڭىز كەينىدە؟
كۈيلەپ بەرگىن جانان قىز قانداق
سۇغا كېلەر سەھەر پەيتىدە؟
بوران قارلىق قۇيۇن ئاسماننى،
تۇمان كەبى قاپلايدۇ پۈتۈن.
دەم ھايۋاندەك ھۆركىرەپ ئۆتەر،
دەم بوۋاقتەك يىغلاڭغۇ بىر ئۈن.
كەل ئىچەيلى مېھرىبان مۇما،
ياشلىقىمنىڭ دوستى پاناھى.
قەدەھ قېنى؟ ئىچەيلى بىللە
تاراپ كەتسۇن يۈرەكنىڭ ئاھى.
قۇربان بارات تەرجىمىسى
Yorumlar
Yorum Gönder