كۆز ۋە كۆڭۈل (شېئىر)


سائادەت ساتتار (ئايتۇغ)


شاختا مۇڭلۇق سايرىغان بۇلبۇل،

ئۈركىگەندەك زەررە تىۋىشتىن.

مەن قورقاتتىم ئۇزۇندىن بېرى ،

كۆزلىرىڭگە قاراپ سېلىشتىن.


تىنىق كۆزۈڭ مىسالى بۇلاق،

 ئەندىكەتتىم چۆكۈپ كېتىشتىن.

ئېيتىپ بەرسەڭ ئۈنسىز سىرىڭنى.

ئەنسىرەيتىم سۆيۈپ قېلىشتىن.


كۆزلىرىڭدىن تارىغان مۇڭ كۈي،

چەكمەكچىدەك  قەلىب تارىمنى.

قاراشلىرىڭ خەنجەر كەبى ئاھ،

تىشىپ ئۆتتى يۈرەك- باغرىمنى.


شۇندىن بېرى شۇ قاراشلىرىڭ،

قېتىپ قالدى قاراقلىرىمدا.

كېلەرسەنمۇ پەرھادىم كەبى،

كۈتسەم پىنھان راۋاقلىرىمدا.


 

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك