ئوتقا تۇغۇلغان بالا (شېئىر)


ئىمىن ئەھمىدى


ئوتقا تۇغۇلغانلىقىمنى بىلىسەن

ئۆرۈك چېچەكلىگەن بىر كۈنى.

ئانام ئوچاققا ئوت قالاۋېتىپ

كۈلۈڭگىلا تۇغۇپ قويغان مېنى.

ۋاقىتنى ئۇقمايدىغان قانداق ئايال دەپ

مومام تىللاپ كەتكەن ئۇنى.

دېگەن ھەم: تاس قاپتۇ ئەمەسمۇ تۇنجى نەۋرەم

ئوتۇن بىلەن بىللە كۆيۈپ كەتكىلى.

ئانامنىڭ مېنى ئوتقا تۇغمىغىنىغا رەھمەت

ئانام يۇرتنىڭ ئوتىغا تۇغقان مېنى.

شۇ ئوت ھەقىقىي، تۆت تام ھەقىقىي

ئانا يۇرت، ئانا يۇرت سۆيىمەن سېنى.   


ئوتتىن تۇغۇلغىنىمنى بىلىسەن

شۇ چاغ ئوتتىن قىزىق بولغان ئانامنىڭ تېنى.

ئالەمگە قۇرۇق قول كەلمەپتىمەن دەپ

ئوتتىن بەك لاۋۇلدايدۇ تومۇردا قېنى.

بىر تەرىپىمدە ئانام كۆيگەن

ئىنجىقىدىن ئۆرلىگەن سۆيگۈ تۈتۈنى.

بىر تەرىپىمدە سەن كۆيگەن

تىمسايلىڭ سەندە ئۆسكەن جىگدە ئوتۇنى.

ئانا يۇرت، مېنى ئوتتىن تۇغقىنىڭغا رەھمەت

يۇرتنىڭ ئوتىدىن تۇغدۇڭ مېنى.

شۇ يۇرت ھەققى، تۇپرىقىڭ ھەققى

ئوتۇڭدا كۆيۈپ تۇرۇپ سۆيىمەن سېنى.

سەن قوينۇڭغا ئوت بولۇپ تۇغۇلغانلارنىڭ

ئوتۇڭدا كۆيگەنلەرنىڭ ئانا ۋەتىنى.

ھاياتىمنى مۇھەببەت قىلدىڭ، ئوت قىلدىڭ

شۇ مۇھەببەت، ئوت ھەققى سۆيىمەن سېنى. 

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك