كېمىچىلەر ناخشىسى (شېئىر)

لى بەي


كېمىچىلار بارىدۇ يۈنياڭدا سۆرەپ كېمىنى،

سودىگەرلەر قاپلىغان دەريا بۇيى ھەر يېقىنى.

چىدىيالماستىن ئىسسىققا قىينىلار سۇ كالىسى،

كېمە سۆرەش بەك ئازابلار كېمىچىلەر جېنىنى.

بۇلغىنىپ كەتكەچكە دەريا سۈيى بولماس ئىچكىلى،

ئالسا چۆگۈنگە ئىگىلەر توپا – چاي يېرىمىنى.

كېمە سۆرەش ناخشىسىنى كېمىچىلەر كۈيلىسە،

دىلدا ھەسرەت ئاققۇزار يامغۇرغا ئوخشاش يېشىنى.

بۇندا ئون مىڭلاپ كىشى چۇقۇيدۇ تاشلارنى يۇنۇپ،

تەس مېڭىشقا، قاپلىغاچقا تاشلار دەريا قېشىنى.

كىم ئەگەر بۇ بىپايان تاشلىققا بىر سالسا نەزەر،

ياش تۆكەر ئۆرتەپ ئېغىر ھەسرەت – نادامەت دىلىنى. 


رەخىم قاسىم، ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن تەرجىمىسى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك