قەدىمىي ئاي ھەققىدە (شېئىر)

لى بەي


 كىچىكىمدە ئاي دېگەننى تونۇمايتتىم، 

ئۆزۈمچىلا ئاپپاق تەخسە دەپ ئاتايتتىم.


كۆك قەرىدە بۇلۇت ئۈزرە ئۇچۇپ يۈرگەن، 

پەرىشتىنىڭ ئەينىكىغۇ دەپ قالاتتىم.


 قىياسىمدا باراقسانلاپ كەتكەن دالچىن،

پەرىشتىنىڭ پۇتلىرىنى كۆرەلەيتتىم.


 ئاق توشقانچاق خاسىيەتلىك دورا سوقسا،

كىمگە ئاتاپ ياسىغانسەن؟ دەپ سورايتتىم.


ئاخشاملىرى پۇچۇق، گۇڭگا كۆرۈپ ئاينى، 

سەت چارپاقا چىشلىۋاپتۇ، دەپ قارايتتىم.


توققۇز كۈننى خۇيى ئېتىپ چۈشۈرگەچكە،

 ئىنسان، ئاسمان ئاپەتتىن ساق قاپتۇ، دەيتتىم.


خىرەلەشكەن تۇتۇق ئايغا بىر قاراپلا،

كۆرگۈچىلىكى قالماپتۇ دەپ خۇرسىناتتىم.


نە ئامال بار بۇڭا ھەسرەت چەكمەي ئەمدى؟

يۈرەك باغرىم پۇچۇلىنىپ ئۆرتىنەتتىم!


ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى



Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك