راۋان بولاي يولۇمغا تەنھا (شېئىر)
( تەجەللى قەبرىسى ئالدىدا)
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
ئەمدى نېمە تاپۇرمەن لەززەت
قەبرىلەرنىڭ ئالدىدا يىغلاپ؟
چىراغ ئۆچسە مەيلى، ئالەمنى
يورۇتىدۇ دىلدىكى ئازاب.
كەتتى ھەييام قونۇپ بىر كېچە
بۇ ئالەمنى قىلىپ مەيخانە.
مەشرەب كەتتى بولۇپ قەلەندەر
قالدى نامى بولۇپ شاھانە.
ۋىسال بېرىپ يەتتە ئىقلىمغا
ئۆزى يارسىز ئۆلدى نەۋائىي.
كائىناتنى جەملەپ نەزمىگە
سەرسان بولۇپ ئۆتتى تەجەللى...
بۇ ئالەمدە قەبرەم يوق مېنىڭ،
دۇئا قىلغاي ئۆلۈكلەر ماڭا.
ئەگەشتۈرۈپ ئاياغ ئىزىمنى
راۋان بولاي يولۇمغا تەنھا.
2006- يىل نويابىر. قاغىلىق
Yorumlar
Yorum Gönder