يازغۇچى شۇنداق بىر ئىنسان
زۆھرەگۈل ھامۇت
ھەر كاللىدا ھەر خىيال بولغىنىدەك، كىشىلەرنىڭ قىزىقىشى، ئارزۇ-ئىستىكى، غايىسى ھەرخىل بولىدۇ. ئەنە شۇ ئوخشاش بولمىغان قىزىقىش ۋە ئارزۇ-ئىستەك كىشىلەرنىڭ تۇتقان يولىدىكى پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئومۇمەن ئېيتقاندا، مەلۇم ئەھمىيەتلىك ئىشنى كۆڭلىڭىزگە پۈككىنىڭىزدە، قىلىۋاتقان ئىشىڭىز مەيلى ئوڭۇشسىزلىق ۋە توسالغۇغا ئۇچرىسۇن، قەيسەر ئىرادە ۋە پۈتمەس-تۈگىمەس جاسارەت بىلەن ئالغا مېڭىۋېرىڭ. جاپالىق ئەجرىڭىزنىڭ چېچەكلەپ مېۋە بېرىدىغانلىقىغا چەكسىز ئىشىنىڭ. ئۆزىڭىز تاللىغان ئاشۇ داغدام يولدا مەزمۇت قەدەملەر بىلەن كېتىۋاتقىنىڭىزدا سىزنى ئۇ يولدىن تەزدۈرىدىغان كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، سەپىرىڭىزگە توسقۇنلۇق قىلسا سىز قانداق پوزىتسىيەدە بولىسىز؟ مەسىلە سىزنىڭ ئاشۇ توسالغۇنى قانداق بۆسۈپ ئۆتۈشىڭىزدە.
يېقىندا يېڭىلا يېزىپ پۈتتۈرگەن ئەسىرىمنى ژۇرنالغا ئەۋەتىش ئۈچۈن پوچتىخانىغا باردىم. ماركا-كونۋېرت سېتىش ئورنىدىكى قىز گويا رىۋايەتلەردە تەسۋىرلەنگەن نازىنىنلاردەك ئىنتايىن چىرايلىق ئىدى. ئۇ قىزدىن ماركا ۋە كونۋېرت سېتىۋېلىپ ئەسىرىمنى كونۋېرت ئىچىگە سېلىۋاتقىنىمدا ئۇ ئىختىيارسىز: «ئوھوي، نېمانچە كۆپ خەتلەر بۇ؟» دەپ سوراپ قالدى. مەن ئۇنىڭ سوئال تەرىقىسىدە ئېيتىلغان سۆزىگە ئەستايىدىللىق بىلەن: «ژۇرنالغا ئەۋەتىدىغان ئەسەر ئىدى» دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇنىڭ كۆزلىرىدە قانداقتۇر مەنسىتمەسلىك ئالامىتى ئەكس ئېتىپ قاپاقلىرىنى سۈزدى ۋە ئاغزىنى قىيسايتىپ: «توۋا، شۇمۇ بىر ھەۋەس...» دېگىنىچە ماڭا ئىنتايىن سوغۇق مۇئامىلىدە بولدى. بۇ خىل تېتىقسىز گەپلەرنى ئەمدى ئاڭلىماسمەن دەپ ئويلىغاندىم، ئەپسۇسكى يەنە تەكرارلاندى. خىزمەتتىكى بوش ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ ئەسەر يېزىۋاتسام بىر خىزمەتدىشىم: «قاچانلا قارىسام بىر نەرسە يازىسىز، يېزىۋاتقىنىڭىز نېمە ئۇ تۈگىمەيدىغان؟» دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭغا: «ئەسەر يېزىۋاتىمەن» دەپ جاۋاب بەردىم. گېپىم تۈگىشى بىلەنلا ئۇنىڭ كۆزلىرىدە مېنى ئەيىبلەشكە ئوخشاش بىر ئۇچقۇن پەيدا بولدى ۋە: «ئۇكام، بۇنداق قۇرۇق ئىشنى قىلغىچە نان تېگىدىغان ئىشنى قىلسىڭىز بولمامدۇ؟ ئەخمەق بولۇپ ئەسەر يازىمەن دەپ ۋاقتىڭىزنى زايە قىلماي تىل ئۆگەنسىڭىز بولىدىغۇ؟...» دەپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى. جەمئىيىتىمىزدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ يازغۇچى-شائىرلارغا بولغان بۇ خىل كۆزقارىشى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىشلارنى بىر تونۇشۇمغا سۆزلەپ بېرىۋىدىم، تونۇشۇم تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەكلا: «ۋاي-ۋۇي، ھازىر يازغۇچى-شائىرنى كىم كۆزگە ئالىدۇ دەيسىز؟ ئۆتكەندە ئۆزىنى يازغۇچى ئاتىۋالغان بىر سوكالتاق <سىزنى زىيارەت قىلىپ كېلىۋىدىم> دېۋىدى، <سىز بىلەن قۇرۇق پاراڭ سېلىپ ئولتۇرىدىغانغا ۋاقتىم يوق> دەپلا قۇتۇلدۇم ئۇنىڭدىن» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ كىشى ئۆزىنى زىيارەت قىلماقچى بولغان ئادەمنى مۇخبىر دەپ ئاتاشنى بىلمەيلا قالماستىن، يازغۇچى-شائىرلارنى ھاقارەتلەۋاتاتتى. ئىختىيارىي مۇخبىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىدا مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ بىر خىزمەتچىسى گېزىتخانا مۇخبىرىدىن سوئال سورىغاچ: «يازغۇچى-شائىرلارنى قۇيما ساراڭ دېيىشىدىكەن...» دېگەندەك ھاقارەتلىك سۆزنى ھېچ ئەيمەنمەستىن تىلغا ئالدى.
ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتتا، ئوخشاش بولمىغان ئادەملەرنىڭ ئاغزىدىن بۈيۈك ئارزۇلارنى قەلبىگە مۇجەسسەملەپ، ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تىرىشىپ-تەپشىپ قان-تەر ئاققۇزۇۋاتقان ئەدىبلىرىمىزگە، قەلەمكەشلىرىمىزگە تىغ كۆتۈرگەن ئاشۇ بىلىمسىزلەرگە ئىچ-ئىچىمدىن غەزەپلەندىم.
جەمئىيەت ئىختىساس ئىگىلىرىگە مۇھتاج. بىز جەمئىيەتكە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشىمىز دەيدىكەنمىز، تىرىشىپ ھەر تەرەپلىمە بىلىم ئىگىلەپ، ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان بارلىق ئىشلارنى قۇربىمىزنىڭ يېتىشىچە قىلىشىمىز كېرەك. دەرۋەقە ئادەم ئۈچۈن ئىقتىساد بولمىسا بولمايدۇ، بىراق ھەممە ئادەم ماددىي ۋە شەخسىي مەنپەئەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇۋېلىپ، مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن باش قاتۇرمىسا، ئۇ ھالدا كەلگۈسى ئىستىقبالدىن سۆز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟ بىر قىسىم كىشىلىرىمىز تېخىچە كاللىسىنى سىلكىۋەتمەي، كونا سەنەمگە دەسسەپ، بىر كۈننىڭ ئۆتكىنىگە شۈكۈر قىلىپ يۈرۈۋاتىدۇ. ئاشۇلاردىن تۈپتىن پەرقلىنىپ، بوش ۋاقتىنى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە بېغىشلىغان مېھنەتكەش قەلەمكەشلىرىمىز نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بىرلا ئېغىز سۆزى بىلەن «پەس» ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدىكەن؟ ئارىمىزدا يازغان ئازغىنە ئەسەرلىرىدىن ئۆزىچە پەخىرلىنىپ ۋە قانائەتلىنىپ، ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ، نام-ئاتاققا ئېرىشىش ئۈچۈن پايپېتەك بولۇۋاتقان مەنمەنچى، ئابرويپەرەس، ئۆز ئىززەت-ئابرويىنى ساقلىماي، قاۋاقخانىلاردا ۋە قىزلار كوچىسىدا تىمسىقلاپ يۈرگەن «يازغۇچى»، «شائىر»لارمۇ يوق ئەمەس. ئاشۇنداق ئۆزىنى «يازغۇچى»، «شائىر» دەپ ئاتىۋالغان ساپاسىزلار تۈپەيلى بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ يازغۇچى، شائىرلار قوشۇنىغا ھاقارەت قىلساق قاملىشارمۇ؟ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئېيتقىنىدەك «نەپ تېگىدىغان» ئىشنىلا قىلىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانماسلىقىمىز كېرەكمۇ؟
تىل ئۆگىنىش نۆۋەتتىكى جىددىي مەسىلە. تىل ئۆگىنىش، يېزىقچىلىق، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلسا، ھېچقايسىسىنىڭ بىر-بىرىگە دەخلىسى يوق. بۇ — يازغۇچى-شائىرلارنىڭ كاللىسىدا ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتا.
يازغۇچى ۋە شائىرلار خەلقنىڭ قايغۇ ۋە خۇشاللىقىغا تەڭ ئورتاقلىشىپ، ياخشىلارغا يار-يۆلەك بولىدىغان، جاھاندىكى رەزىللىك، ساختىلىق، تەڭسىزلىكلەرنى قامچىلاپ، خەلقنىڭ روھىنى ئويغىتىپ، ئىنسانىيەتكە پۈتمەس-تۈگىمەس مەنىۋى بايلىق يارىتىپ بېرەلەيدىغان مېھنەتكەش ئىنساندۇر. سىز قايسىدۇر بىر سورۇنلاردا كۆڭۈل ئېچىۋاتقىنىڭىزدا، پۇشۇلداپ راھەتلىنىپ ئۇخلاۋاتقىنىڭىزدا، باشقىلار بىلەن ئەھمىيەتسىز قۇرۇق پاراڭلارنى قىلىشىۋاتقىنىڭىزدا، بوش ۋاقتىنى ۋە پۈتۈن زېھنىنى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە سەرپ قىلىپ، ئىجادىيەت مېۋىسىنى خەلققە تەقدىم قىلىۋاتقان قەلەم ئىگىلىرى بەلكىم ئۇخلاپ چۈشىڭىزگىمۇ كىرمەسلىكى مۇمكىن. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئىنسان خاراكتېرىنى ئەينەن سۈرەتلەپ بېرەلەيدىغان ئەينەكلىك رولنى ئويناپ، تۇرمۇشنى يۈكسەك بەدىئىي تىل ماھارىتى ئارقىلىق تەسۋىرلەپ بېرەلەيدىغان قەلەمكەشلىرىمىزنى — يازغۇچى، شائىرلىرىمىزنى ھاقارەتلەشكە ھەققىمىز يوق. يازغۇچى ۋە شائىرلار مىللىتىمىزنىڭ پەخرى ۋە روھىي تۈۋرۈكى. شۇڭا ھەممىمىز يازغۇچى، شائىرلىرىمىزنى ھۆرمەتلەيلى، قەدىرلەيلى. ئۇلارغا پۈتمەس-تۈگىمەس ئىلھام ۋە تىلەكلىرىمىز ياڭرىسۇن!
مەنبە: «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى، 2008-يىللىق 4-سان
Yorumlar
Yorum Gönder