دېڭىز ئاتلىرى (شېئىر)


چىيوتچىۋ (روسىيە)   


سۇس يېشىل يايىلىق دېڭىز ئاتلىرى

چاپقۇلداپ زادىلا تىنچىمايسىلەر

بەزىدە شۇ قەدەر مۇلايىم، يۇۋاش

بەزىدە شۇنچىكى ئويۇنچى بەڭباش

تەڭرىنىڭ پايانسىز يايلاقلىرىدا

قۇترىغان قۇيۇنتاز سىلەرگە تائام

چاپقۇلداش سىلەرگە تەڭرىدىن ئىنئام

قانغۇچە چېپىڭلار ، شاشلاڭلار

ھامان ئامراقمەن سىلەرگە ئەي ئۇچقۇر ئاتلار

سىلەردە بە قۇۋۋەت تەنتەنە ئەيلەر

گادىرماش مويۇڭلار ئۇزۇن ۋە قۇيۇق

موي ئارا غۇچچىدە تەپچىرەيدۇ تەر

تۇرساڭلار شىددەتتە ساھىلغا شوخشۇپ

شوخ ئۇزاق كىشنەشلەر شادىمان ئۈنلەر

پەنجىڭلار ساھىلنى سالار لەرزىگە

بۇژغۇنلار كۆك تامان سىلكىتىدۇ پەر!   


تىلماچ : باتۇر روزى 

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك