كۆڭلۈم (شېئىر)
ئىمىن ئەھمىدى
سەن مېنى قۇل دېسەڭ مەيلى كېرەك يوق،
ھەرنە بالالارنى يەڭدىم سەن ئۈچۈن.
چوغ كەبى تەگكەندە كۆكرىكىمگە ئوق،
تەلۋە بولغان چېغىم چىقارمىدىم ئۈن.
مېنى جەڭچى دېسەڭ ئالدىدا ئۈزۈپ،
قارارىم قان بىلەن ئەيلىدىم پۈتۈن.
چېلىشسام ئوكياندىن جاۋاھىر سۈزۈپ،
ئوتۇمدىن سۇ ئۈزرە ئۆرلىدى تۈتۈن.
سەن مېنى دېسەڭ گەر ئاددىي بىر ئىنسان،
بولمىدىم سۆيگۈدىن خالىي بىرەر كۈن.
ئۇنىڭ ئالدىدا ھەممە يەر بىلەن يەكسان،
ياق دېسەڭ نېمىشقا سۆيگەن تۈنۈگۈن؟
1985-1991-يىللار
Yorumlar
Yorum Gönder