توي (شېئىر)
ئىمىن ئەھمىدى
ئەجەب ئاددىي توي قىلغانكەنمىز،
ھايات داستىخانىغا سەمىمىيلىك تىزىپ.
ئەجەب مۇڭداشقانىكەنمىز نېرى ئولتۇرۇپ،
مەڭزىمىزگە ياشتا خەت يېزىپ.
سېنى يۆتكەيدىغانغا ماشىنا يوق،
تاپالمىغانىدىم ھەتتا ئېشەك ھارۋىسى.
جاز، روك مۇزىكا دېگەنلەر نەدە؟!
ئەتراپنى چاڭ كەلتۈرگەنىدى سەھرا ناغرىسى.
«شېرىن ئاي» دەپ بېقىپتىكەنمىز ئېتىزغا،
تاتلىق ئىدى ئاي يورۇقىدىكى ساياھەت.
ئالتۇن ئۈزۈك ئالماپتىكەنمەن قولۇڭغا،
قىلىپتىكەنسەن مىس ھالقىغىمۇ قانائەت.
ئۆيىمىزگە كىرگەنىكەنمىز يانمۇيان،
يۇرتداشلار ياققان ئوتتىن ئاتلاپ.
ساپ ھاۋا، سوغۇق سۇ، چاڭ-توزان
يولغا سېلىپ قويغانىكەن بىزنى پاكلاپ...
بىلمەپتىكەنمەن سەن بايمۇ يا كەمبەغەل؟
سورىماپتىكەنسەن بىساتىمدىن سوئال.
بەك سەبىي ئىكەنمىز، كۆڭۈلدە يوق غۇم،
خۇددى ئېرىق بويىدىكى مەجنۇنتال...
بالىلارغا دېگىلى بولارمۇ بۇ توينى،
يازغىلى بولارمۇ ئەسلىمە قىلىپ؟
ئېھتىمال قايىل قىلماق تەس ئۇلارنى،
يېرىپ بەرگەندىمۇ يۈرەكنى ئېلىپ.
Yorumlar
Yorum Gönder