قېرىدىڭمۇ ئانا! (شېئىر)


ئىمىن ئەھمىدى


رومالىڭدا سەلكىن ئەركىلەر،

چاچلىرىڭدا ئەركىم ئەركىلەر.

يۈزۈڭ سۆيۈپ قىزىڭ ئەركىلەر،

ئايىغىڭدا ئىزىم ئەركىلەر...


تۈڭلۈكۈڭدىن ئۆتكەن تولۇن ئاي،

چىرايىڭدا تۈنىدى بىر كەچ.

بولۇپ قالدى قۇياشمۇ ھەتتا،

ئوتلىرىڭنىڭ ئالدىدا پالەچ.   


ھېلىمۇ ھەم بىرىدە ئەپسۇس،

تاغ قېتىدا يۈرىدۇ مۆكۈپ،

بىرى شۇندىن بۇيان ياداڭغۇ

ئايلىنىدۇ سوغۇق نۇر تۆكۈپ...   


كىرپىكىڭدە بۇلبۇل ئەركىلەر،

زىنىخىڭدا شەبنەم ئەركىلەر.

سۇ قويالماي قولۇڭغا ۋېنېرا،

پەقەت ھەيكەل بولۇپ ئەركىلەر...   


قېرىدىڭمۇ ئېيتقىنا ئانا

ياق كۆپ تېخى يارقىن ئەتىلەر.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك