مۇڭدىشايلى كەل! (شېئىر)


سائادەت ساتتار (ئايتۇغ)


سۇبھىيدىكى ئىزغىرىن شامال،

سالامىڭنى ئېلىپ كەلدى يار.

ئۇندا باردۇر چەكسىز سېغىنىش،

لېكىن مەۋھۇم مەن كۈتكەن باھار.

شۇنچە كۈتسەم تۇنجى مەكتۇپنى،

ھېچ كۆڭلۈڭنى قىلمىدىڭ ئىزھار.


شاماللاردىن ئەۋەتمە سالام،

پىنھانىڭدا سىرلىق پىچىرلاپ.

مەنزىل يىراق، ئۇلاغلار ئورۇق،

يۈرمىگەيسەن يەنە تېڭىرقاپ،

ئۆمۈر ئاتلىق كونا ھارۋىنىڭ،

چاقلىرىمۇ قالدى غىچىرلاپ.


مۇڭدىشايلى ئۇنتۇپ ھەممىنى،

نۇرغۇن سىرلار كەتسۇن يىشىلىپ.

مۇڭىمىزغا گۇۋاھ مەجنۇنتال،

يىغلاپ كەتسۇن بىزگە ئېسىلىپ.

كەچكۈزدىكى باغرى قان غۇنچە،

مۇرادىغا يەتسۇن ئېچىلىپ.

 


 

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك