ئىستىمەس (شېئىر)
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
ئەي نىگار، ھىجرىڭدە كۆڭلۈم ئىنتىلىشنى ئىستىمەس،
مەن خىتاب قىلسام ۋەتەنگە ئىزدىنىشنى ئىستىمەس.
ئوت بولاتتىم، تولغىناتتىم مەن يېنىپ چاقماسمەن،
ئەل ئېغىر ياتقۇدا بولدى ھەم بىلىشنى ئىستىمەس.
ئۇ ئۇزۇن، بۇ قىسقا دەپ ھاۋشىپ يۈرىدۇ بېزىلەر،
ئوغرى تەگسە ئۆيدە مالغا ئىز تېپىشنى ئىستىمەس.
ئېھتىياجاتى ئۈچۈن سەن بىر كېڭەش بەرسەڭ ئەگەر،
بىز بىلۇرمىز دەپ تۇرۇپ ئىجرا قىلىشنى ئىستىمەس.
ھەممىنىڭ ئەۋلادىدىن قۇللۇقتا بىرسى قالمىدى،
ئۇيغۇر ئەۋلادى بۇنى ئەسلا سېزىشنى ئىستىمەس.
يەپ زەھەر بولدى كېسەل، ئەھۋالىدا كوپتۇر خەتەر،
مىللىتىم جان چىقسىمۇ داۋالىنىشنى ئىستىمەس.
باشقىلار كۆكتە، دېڭىزدا ئۈزدى شوخ پەرۋاز قىلىپ،
بىزگە كەلسە بىر قوتۇر ئېشەك مىنىشنى ئىستىمەس.
ئىزلىدى ھوما قۇشىنى كۈندە ئاسمانغا قاراپ،
ئىزدىگەنلەر باشىغا ھوما قونۇشنى ئىستىمەس.
مىللىتىم تارتقان ئازاپغا بۇ كۆڭۈل قانداق چىدار؟
ئەل غېرىب ئىڭرايدۇ ئەمما تەۋرىنىشنى ئىستىمەن.
ئابدۇخالىق قىل سۇبات ئىزدە سىراتىل مۇستەقىم،
بۇ سۇبات بارىندا دىل ۋەيران كېزىشنى ئىستىمەس.
192- يىل تۇرپان
Yorumlar
Yorum Gönder