لىجياڭ دەرياسى (شېئىر)
ئىمىن ئەھمىدى
1
تاغ ئېگىزمۇ ياكى ئاسمان پەس؟
بىر-بىرىگە تۇتاشقان پەۋەس.
چوققىلارنى سۆيگەن ئاق بۇلۇت
مانان ئارا ئالىدۇ نەپەس.
بامبۇكزاردا ئاياغ تىۋىشى
چاتقاللارنى ئەگىپ ئۆتۈش تەس.
چاچلىرىڭغا يامىشايمۇ دەپ
بانان شېخى ئېگىلىدۇ پەس
بۇ مۇھەببەت ئەجەب مۇقەددەس.
2
سۈزۈك سۇلار كۆزۈڭ بەئەينى
قارىچۇقىڭ جىمىرلىغان تاش.
كۆكسۈڭ كەبى يۇمشاق ئېدىرلار،
رومالىڭدۇر ئىككى يېشىل قاش.
يالغۇز ئۈزۈپ كەلگەن قومۇش سال،
قويدى خىيال قىرغىقىغا باش.
ھاياجاندا جىلۋىلىك شەپەق،
تۆكتى چەكسىز چىمەنلەرگە ياش.
3
تىلسىم سۈپەت دالالار قوينى،
سۈرەت يەڭلىغ چۈشىدۇ كۆزگە.
شىلدىر-شىلدىر ئالتۇن ياپراقلار،
باھار ئىزدەپ كۈلىدۇ كۆزگە.
غايىبانە مەغرۇر چىرايىڭ،
ئۆلۈكنىمۇ ئۈندەيدۇ سۆزگە.
تۇيدۇرمايلا باغاشلىۋالدىڭ،
يارىڭ يوقمۇ مېنىڭدىن ئۆزگە؟
4
قەيەردىدۇر نەينىڭ ئاۋازى،
كىيىكلەرنى قىلىپ قويدى لال.
قىيا باققان بېلىقچى قىزلار
نىگاھىمنى ئەيلىدى مالال
دولقۇنىڭغا بېشىمنى ئېگىپ
قىرغاق ئۈچۈن بولۇپ قالاي تال.
ئىشەنچ قىلساڭ غۇبارسىز سۆيگۈ،
گۈزەللىكنىڭ چېھرىسىگە خال.
5
كېتىپ قالسام كۆڭلۈم سېنىڭدە،
ھەر تىنىقىڭ جىسمىمگە مىڭ جان.
تۇرغىن دېسەڭ باغرىڭدا ئويناپ،
مىسرالاردىن ياسايمەن خامان.
قىسقا ئۆمۈر چۈشۈمدەك تاتلىق،
ئۆتەلمەيمەن ئەمدى خىرامان.
داۋان ئېشىپ كەلگەن ئەقىدەم،
ئاستانەڭگە بولىدۇ مېھمان.
6
شاۋقۇن سالماي ئاقىسەن جىمجىت،
ھەر تامچاڭدا جەننەت مۇجەسسەم.
سېنى كۆرۈپ زەمزەم بولدى
زەڭگەر كۆكتىن كەلگەن قەترە ھەم.
ھەممىمىز تەڭ يارالغان تۇرۇپ
سېنى باشقا بىلگەن run ئىگەم؟
قىز-يىگىتىڭ خىزىرمىكىن تاڭ،
قەلبىمدە ئوت، كۆزلىرىمدە نەم.
7
كۆپ نەرسەمنى ئېلىپلا ئالدىڭ،
بەرگىنىڭنى ساناپ چىقماق تەس.
كىندىك قېنىم قىسمەتلىرىدىن،
ئاتا قىلدىڭ يېڭى بىر ھەۋەس.
نومۇسۇمنىڭ بەرگىدە شەبنەم،
زۇمرەت يوللار تۈگىگەن ئەمەس.
قانلىرىمدىن ئۇرغۇيدۇ قەسەم
ئۆرتەندىممۇ شۇنىڭ ئۆزى بەس!
بۇ مۇھەببەت ئەجەب مۇقەددەس..
Yorumlar
Yorum Gönder