ئالما ساتقۇچى بوۋاي (شېئىر)



سائادەت ساتتار (ئايتۇغ)


ئۈرۈمچىنىڭ كەچكۈز ئاخشىمى،

جاندىن ئۆتەر بۇ ئاچچىق سوغۇق.

بىرى بىزار ئىسسىق ئۆيىدىن،

بىرلىرىگە كىرەرگە ئۆي يوق.


ئەڭ ئاخىرقى بىر تال يوپۇرماق،

ئۇچۇپ چۈشتى قارنىڭ ئۈستىگە.

ھارۋىسىنى سۆرەپ يۈرىدۇ،

باققال بوۋاي كونا رەستىدە.


خېرىدارسىز ئۈششۈگەن ئالما،

ئىگىسىدەك تۇرىدۇ مىسكىن.

ئالدىراشلا ئۆتكەن كىشىلەر،

پەرۋا قىلماس ئۇلارغا لېكىن.


بوۋاي قولى تىترەپ تۇرسىمۇ،

ئالمىلارنى تىزىدۇ تاللاپ.

مارارى يوق، يەتمەيدۇ ئۈنى،

ئالمىلارنى سېتىشقا توۋلاپ.


قاراپ قويسا بىرلىرى ناگان،

نۇرلىنىدۇ بوۋاينىڭ كۆزى.

-تاللىۋېلىڭ، غۇلجا ئالمىسى...

تەكرارلىنار شۇ كونا سۆزى.


ئۈرۈمچىنىڭ كەچكۈز ئاخشىمى،

جاندىن ئۆتەر بۇ ئاچچىق سوغۇق.

يەنە شۇنداق توۋلىدى بوۋاي،

ئەڭ ئاخىرقى ئاۋازدا بوغۇق...


2012-11-14 

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك