جيەنزى مۇلەنخۇا (شېئىر)

لى چىڭجاۋ


مەن كۆرۈپ ئەپكەش كۆتۈرگەن گۈلچىنى،

سېتىۋالدىم بەرگى تال–تال بولمىغان بىر غۇنچىنى.

تاڭدىكى شەبنەم ئۇنىڭ شاخىدا ياش،

قوندۇرۇپتۇ تامچە ئۈستىگە شەپەقنىڭ رەڭگىنى.

قورقىمەنكى، ئامرىقىم ئۆز كۆڭلىدە،

رەڭگىرويى گۈلگە يەتمەس دەرمىكىن بۇ دەم مېنى.

مەيلىلا قىستىم چېكەمگە شۇ مىنۇت،

كىم گۈزەل: گۈل ياكى مەن،  بىلسۇن قېنى.


ئىمىن ئەھمىدى تەرجىمىسى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك