سېنىڭ يازغان ھېلىقى خېتىڭ (شېئىر)
ئايتۇغ
(گىنرىخ گىينى شېئىرى ئىزىدىن)
سېنىڭ يازغان ھېلىقى خېتىڭ،
بولۇپ قالدى مەن ئۈچۈن بىر سىر.
كۆمۈۋالدى ئۇنى بىلمىدىم،
پىنھاندىكى قايسى ئېتىز-قىر.
سېنىڭ يازغان ھېلىقى خېتىڭ،
ئۇچۇپ كەتتى بەلكىم نەلەرگە.
تەقدىرىمنى ئۆزىگە قوشۇپ،
كۆمۈۋەتتى پىنھان يەرلەرگە.
سېنىڭ يازغان ھېلىقى خېتىڭ،
يۈتكەن شۇ چاغ قولۇمغا تەگمەي..
ئاغرىنىپ مەن سەندىن،سەن مەندىن،
ئۆتۈپ كەتتۇق سۆيۈلمەي،سۆيمەي.
Yorumlar
Yorum Gönder