ئۇيغۇر خەلق ناخشىسى (شېئىر)
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
بۇ ناخشا ئەزەلدىن شۇنداق بىر ناخشا
ئۆلۈكلەر تىرىلىپ يىرتىدۇ ياقا.
تىرىكلەر ئۆلۈمدىن يىراق بىر جايدا
تېنىنى سۇندۇرۇپ ئاتار ئاسمانغا.
ئۆتسە جەڭ ئاتلىرى دۈپۈرلەپ بىردەم،
پايانسىز جىملىققا پاتىدۇ گاھ- گاھ.
سۇۋادان تىرەكلەر يىقىلار ھەۋەت،
قەبرىلەر يۈگۈرەيدۇ قاراپ ھاياتقا.
تاغلارمۇ تىك تۇردى شۇ ناخشا بىلەن،
باغلارنى ئوغرىلاپ كەتمىدى شامال.
چوڭ قىلدى ئۇيغۇرنى باغرىغا بېسىپ
شۇ ناخشا يېتىلەپ كەلگەن بىر ئايال.
2006- يىل دېكابىر. گۇما
Yorumlar
Yorum Gönder