بىزنىڭ ئادەمگە (شېئىر)

(ئاپاشلار تىلىدىن)


ئايتۇغ


ئاڭلاپ تۇرغىن سېنىڭدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيمەن،

قۇرىساڭمۇ قاقشالدەك سېنى تاشلاپ كەتمەيمەن.

مەيلى بولغىن دىۋانە،ئىشى ئاقماس پالاكەت...

قوغلاپ بايلىق-پاراغەت ئۆزگە ئەرگە تەگمەيمەن.


سۈپۈرگە قىپ چېچىمنى،تۇتۇپ كەلدىم ئۆيۈڭنى،

تارتساممۇ كۆپ دەردىڭنى چىقارمىدىم ئۈنۈمنى.

كۈندە كۈلۈپ ئالدىڭغا چايلار قويدۇم ھۆرمەتتە،

بەزى تىللاپ-ئۇرساڭمۇ تۇتقۇزمىدىم خۇيۇمنى.


گۈل-غۇنچىدەك پەيتلىرىم ئۆتۈپ كەتتى قولۇڭدا،

زىلۋالىقتىن ئەسەر يوق ھەم مۈكچەيگەن بويۇمدا.

ئەبجەق كۆتەك ھارۋىدا يۆتكىگەنتىڭ تويۇمنى،

مانا ئالى ماشىنا بۈگۈن سېنىڭ يولۇڭدا.

(تېخى بەزى جىنلارمۇ يۈرەر سېنىڭ كۆيۇڭدا.)


ئېيتىپ قويغىن ئۇلارغا خام خىياللار قىلمىسۇن،

ئۇچۇر يوللاپ توختىما ي يۈرىكىمنى تىلمىسۇن.

ئۇۋىسىنى قوغدايدۇ قۇشمۇ ئاشۇ جېنىدا،

ئۆزلىرىچە يۇۋاش دەپ مىنى بۆزەك بىلمىسۇن.


ھۇش-كاللاڭنى سىلكىۋەت،30يىللىق ئۆيۈڭ بار،

مەندىن ئۆزگە كۆتۈرمەس خېلى تەلۋە خۇيۇڭ بار.

قۇچقاچلاردىن قول ئۈزۈپ ئەمدى تۆۋە قىلمىساڭ،

تۆت كۈنلۈك بۇ ئالەمدە كۆرىدىغان كۈنۈڭ بار. 

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك