سەھەر (شېئىر)
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
سەھەر
مىسكىنغىنە باقتىڭ كۆزۈمگە،
سىڭىپ كىرمەك بولۇپ كۆڭلۈمگە،
تەبەسسۇمدا قىلغان سالىمىڭ،
قېتىپ قالدى سۈكۈتلىرىمدە.
سەھەر
مۇھەببەتلىك تۇيغۇلىرىڭدىن
ئوخچۇپ چىقار ئوتلۇق تىنىقلار.
كۈۋەجىگەن دولقۇنلىرىڭدا،
زار يىغلايدۇ مىسكىن بېلىقلار.
سەھەر
دەرىزەمنى چېكىپ تىنىمسىز،
يەنە شۇ كۈي ئاڭلاندى تەكرار،
پىنھاندىكى سۆيگۈ نالىسى،
پىغانىنى قىلماقتا ئىقرار.
سەھەر
سالامىڭغا چۈشكەندە كۆزۈم.
ھېسداشلىقتا ئۆرتەندى يۈرەك.
پىغانلىرىڭ، ئوتلۇق سالىمىڭ،
توزۇپ كەتتى ئاچمايلا چېچەك.
Yorumlar
Yorum Gönder