باھار زوقى (شېئىر)


دۇفۇ


كەتتى تەخت قولدىن، دىيار قالدى يەنە،

بۈككىدە باستى شەھەرنى گۈل-گىياھ.

ھۆسنى گۈلنىڭ بۇزدى كۆڭلۈمنى ئەجەب،

قۇش ناۋاسى ئەيلىدى دىلنى يارا.

جەڭ ئوتى ياندى ئۇدا ئۈچ ئايغىچە،

كەلدى مىڭ تىللاغا خەت ياردىن گويا.

سانچىغۇچ تۇرماس بولۇپ قالدى تۈزۈك،

ئاق چېچىم شالاڭلىشىپ بارا-بارا.


ئابدۇكېرىم خوجا تەرجىمىسى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك