يۈرمىگىن خۇدۈكلىنىپ (شېئىر)
دۇفۇ
ھېچنېمە يارىتالمىدىم ئالەمگە ئەركەك تۆرۈلۈپ،
قالدى لىڭشىپ چىشلىرىم، ئاق چاچقا باشىم كۆمۈلۈپ.
چۈشتى ئەسكە ئوردىغا «ئەردەم-ئەدەپ» سۇنغانلىقىم،
شۇل كۈنى ھەيرانمەن، كەتتىم شەرەپكە چۆمۈلۈپ؛
مىرزىخانە ئىچىدە قەغەزدە ئويناتسام قەلەم،
ئۆلىمالار كۆرگىلى كىرگەن سارايغا تۈرۈلۈپ.
ئاشۇ چاغ پەرۋاز قىلاتتىم شېئىرىيەت گۈلزارىدا،
ئەمدى ھەيدەلدىم دالاغا كۆرمىگەن كۈننى كۆرۈپ.
نەۋجۇۋانلارغا زاۋالىمدا ئەقىدە ئەيلىسەم،
يۈرگۈدەك ئالدىمدا خوپ دەپ، ئەمما كەينىمدە كۈلۈپ.
بەس، بۇ ئەپسانە جاھان دۆلەتمىنى رەھمەت ساڭا،
تالىشىپ مەندىن تاپاۋەت يۈرمىگىن خۇدۈكلىنىپ.
ئابدۇكېرىم خوجا تەرجىمىسى
Yorumlar
Yorum Gönder