سۆيگۈ مېھرى (شېئىر)

 ئايتۇغ


غۇنچە ئىدىم تېخى پورەك ئاچمىغان،

كۈلگۈن شەبنەم لەۋلىرىمگە نۇر بەرگەن.

ئاق كېچىدە يانغان نۇرلۇق كۆزلىرىڭ،

يۈرۈگۈمنى گۈلخان بولۇپ كۆيدۈرگەن.


تۇنجى سۆيگۈ ياققان ئوتلۇق گۈلخاننىڭ، 

تەپتى كەتمەس يۈرەكلەردىن ھېچقاچان. 

يۈرىكىمدە، يۈرىكىڭدە سىر پېتى، 

نۇرغۇن سۆز بارئېيتىلمىغان-ئېيتمىغان...


شۇندىن بېرى تالاي دوقمۇش-ئاچالدا،

چىن ئەھدىمدىن بىر قېتىممۇ يانمىدىم.

تالاي داستان پۈتتۈم يۈرەك قېتىمغا،

قەغەز تامان يازالمىدىم- يازمىدىم...


چىمداپ كەچكۈز شاماللىرى يۈزلەرنى،

باغلار ئارا يامرىماقتا سېرىقلىق.

يېشىل پەقەت سەن ھىدلىغان ياپراقلار،

چۈنكى ئۇندا سۆيگۈ مىھرىم يېنىقلىق.


Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك