شاراپ ناخشىسى (شېئىر)


دۇفۇ


تۆرىلەر تۆرنى ئىگەللەپ ئالدى يۇرتقا بەگ بولۇپ،

بىرلا جېن چيەن چەتتە قالدى قايرىلىپ دەرتكە تولۇپ.

مەي، تائامدىن كېكىرىپ ئويناشسا بەگلەر ئوردىدا،

ئۆتتى ئۇ زاتنىڭ كۈنى گاھ ئاچ قېلىپ گاھى تويۇپ.

كى ئىلىم بابىدا بۇ زات چۈشسە شىخۇاڭنى بېسىپ،

ئۆتىدۇ چۈيۇەن بىلەن سۇڭيۇيمۇ ھەم پەمدە ئۇزۇپ.

ئەردەم – ئەخلاق كۆمۈلۈپ ئەخلەتتە ياتسا بىر ئۆمۈر،

نە كېرەك نامىڭنى مەڭگۈ قويغىنىڭ تاشقا ئويۇپ!

مەن غېرىپنى تىلغا ئالساڭ مەسخىرە ئەتكەي كىشى،

كىيگىنىم پۇقراچە تون، بەردىم ساقالىمنى قويۇپ.

ئالغىنىم كۈندە مېنىڭ خان سېڭىدىن بەش شىڭ گۈرۈچ،

كېلىمەن جېن لاۋنى يوقلاپ، مۇڭدىشىپ دەم ئولتۇرۇپ.

تېپىۋالساق ئىككى پۇل تەڭ ئىزدىشىپ،

ئىچىمىز مەي بەخۇدۇك جام تولدۇرۇپ؛

مەيگە كۆتۈرۈشلۈك ئۇ زات مەندىنمۇ بەك،

ئۆزئارا ھۆرمەت قالاتتى ئۇنتۇلۇپ.

تۈن سۈكۈتتە، ئولتۇراتتۇق شام تۈۋىدە مەي ئىچىپ،

ياغدى باھار يامغۇرى گۈللەرنى لەپ – لەپ توزۇتۇپ.

توۋلىشىپ خۇي ناخشا ئېيتتۇق جىنغا تەسىر قىلغۇدەك،

ئويلىمايتتۇق ساق قېلىشنى بىز ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ.

ئۆزىنى ئاتقان ئەمەسمۇ ئۆگزىدىن ئۇلما زىييۇن،

ئۆتتى شاڭرۇنىڭ كۈنى مەيخانىدا قاچا يۇيۇپ.

«مەن كېتەي» دەپ سەنمۇ جىن لاۋ ياز شېئىر بولما ھايال،

ئېتىز – ئېرىق، باغۋارانىڭ قالمىغاي چاڭقاپ قۇرۇپ.

موللىلىقنىڭ ھېكمىتىدىن نىمە نەپ ئالدۇق تۈزۈك،

كوڭزىمۇ، بۇلاڭچىمۇ ياتمامدۇ يەردە خاك بولۇپ؟

بولمىسۇن كۆڭلۈڭ پەرىشان بۇ كەيىپ ناخشامغىمۇ،

بىز تېخى ئۈلپەتلىشەرمىز كەتمىسەكلا تەڭ ئۆلۈپ!


ئابدۇكېرىم خوجا تەرجىمىسى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك