باھار كېچىسىدىكى خاسىيەتلىك يامغۇر (شېئىر)

دۇفۇ


نەۋباھارنىڭ خاسىيەتلىك يامغۇرى،

تەبىئەت رايىنى خوپ بىلگەن چېغى.

سىم-سىم ئارىلاپ تۈن بويى تىنماي يېغىپ،

بارچە شەيئى باغرىنى نەم ئەيلىدى.

قاپقارا تۈن ئىلكىدەدۇر يول تامام،

كۆرۈنەر قېيىقتا يالغۇز شام نۇرى.

ئاتتى تاڭ، زەپمۇ قىزاردى ھۈپپىدە،

شەھرى جىنگۇەننىڭ جىمىكى گۈللىرى.


ئابدۇكېرىم خوجا تەرجىمىسى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك